Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
扬子鳄
بىئولوگىيە
ياڭزىجياڭ تىمساھى
يەر باغىرلىغۇچىلر سىنىپىنىڭ تىمساھلار ئەترىتى، ياڭزىجياڭ تىمساھلىرى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. سىرتقى شەكلىدە ئېنىق ھالدا باش، بويۇن، گەۋدە، قۇيرۇق ۋە تۆت پۇتقا بۆلۈنگەن. تېرىسى خۇرۇمسىمان ماددىلاشقان بولۇپ، مۈڭگۈز ماددىلىق چوڭ تەڭگىچىلەر ھەم سۆڭەك پلاستىنكىلارغا ئورالغان؛ دۈمبىسى، قورسىقى ھەم قۇيرۇق قىسىملىرىدىكى قاسىراقلىرى (تەڭگىچىلىرى) سەل تۆت بۇرجەك بولۇپ، ئۇزۇنىغا ھەم توغرىسىغا تىزىلىپ قۇرلاشقان. باش سۆڭىكىدە سەل ئالاھىدىلەشكەن قوش چىكە ئويمىنى بار. چاسا سۆڭىكى ھەرىكەتلىنەلمەيدۇ. ئوقۇر چىش، تۆت پۇتى كۈچلۈك، ئالدى پۇتلىرى بەش بارماقلىق، كەينى پۇتلىرى تۆت بارماقلىق، بارماقلار ئارىسىدا پەردىسى بار. ئىچكى يېنىدىكى ئۈچ بارمىقى (ئالدى پۇتىنىڭ) ۋە كەينى پۇت بارماقلىرى تىرناقلىق. كلوئاكا تۆشۈكى بويىغا (ئۇزۇنىغا) ئېچىلغان، ئەركىكىدە بىرلا چېتىشىش ئورگىنى بولىدۇ. سۇدا ياشاشقا ماسلاشقان. قۇيرۇقى يېنىغا ياپىلاق بولۇپ، سۇدا شۇنىڭغا تايىنىپ بەدىنىنى ئالغا ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، قۇيرۇقى يەنە ھۇقۇم قىلىش ياكى قوغدىنىشتىكى كۈچلۈك قورال ھېسابلىنىدۇ. بىر جۈپ بۇرۇن تۆشۈكى تۇمشۇقىنىڭ ئالدى تەرەپ ئۈستىگە جايلاشقان، ئۇنىڭدا ئېچىپ - يېپىشنى باشقۇرىدىغان كلاپان پەردىسى بولغاچقا نەپەسلىنىش يولىنى ئېغىز بوشلۇقىدىن ئايرىۋېتەلەيدۇ؛ تىمساھ سۇغا چۆكۈپ پەقەت تۇمشۇق ئۇچىنىلا سۇدىن چىقىرىپ تۇرغاندا ياكى سۇ ئىچىدە ئوزۇق يېگەن چېغىدا بۇرنى ئارقىلىق نەپەس ئالالايدۇ. كۆز قاپىقى ۋە كۆز پەردىسى بولۇپ، سۇ ئىچىدە كۆزىنى قوغدىيالايدۇ. بەدەن ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىر ئەتراپىدا. كۈندۈزى كۆپىنچە دەريا قىرغىقىدىكى كامارلارغا يوشۇرۇنۇپ، كېچىسى سۇغا چۈشۈپ بېلىق، راك، پاقا، قۇشلارنى ۋە كىچىك تىپتىكى ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەيدۇ، تۇخۇم تۇغىدۇ. 6 - ئايدا چېتىشىپ 7 ~ 8 - ئايلاردا ھەر ئۇۋىغا تەخمىنەن 20 دىن تۇخۇم سالىدۇ. ئۈچەككە كىرىش ھادىسىسىگە ئىگە. مەملىكىتىمىزدىكى ئالاھىدە ئەتىۋارلىق ھايۋان بولۇپ، ئەنخۇي، جياڭسۇ، جېجياڭلارغا تارقالغان، ئاساسلىقى ئەنخۇينىڭ چىڭ يىجياڭ دەرياسىدىن تەيخۇ كۆلى ۋادىسىغىچە بولغان سازلىق رايونلىرىدىن چىقىدۇ. ھازىرقى سانى ناھايىتى ئاز، شۇڭا مەزكۇر ئەتىۋارلىق ھايۋاننى ئاسراش ئۈچۈن مەملىكىتىمىزدە سۈنئىي باقمىچىلىق ئېلىپ بېرىلماقتا.
ئۇنىۋېرسال
yáng zǐ è
چاڭجياڭ تىمساھى