Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
咽鼓官
بىئولوگىيە
يۇتقۇنچاق - ناغرىخانا قانىلى
<قۇلاق - يۇتقۇنچاق قانىلى> ياكى <ئېۋستاخىيە قانىلى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ (ئۇنى دەسلەپ ئېۋستاخىيۇس تاپقاچقا شۇنداق ئاتالغان). ئوتتۇرا قۇلاقنىڭ ناغرىخانىسى بىلەن بۇرۇن - يۇتقۇنچاق قىسمىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەگرى - دوناي تار قانالچە. قانالچىنىڭ بۇرۇن ۋە يۇتقۇنچاققا يېقىن ئۇچى ئادەتتە ھىم ئېتىك ھالەتتە بولۇپ، پەقەت ئەسنىگەندە ياكى يۇتقاندا ئېچىلىدۇ. ئۇ ئوتتۇرا قۇلاقنىڭ سىرتقى مۇھىت بىلەن تۇتىشىدىغان بىردىنبىر يولى بولۇپ، بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا قۇلاق بوشلۇقى بىلەن تاشقى مۇھىتتىكى ھاۋا بېسىمىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا قۇلاقتىكى ئاجرالما ماددىلارنى چىقىرىۋېتىش رولىنى ئوينايدۇ. بۇرۇن ۋە يۇتقۇنچاق كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن يۇتقۇنچاق - ناغرىخانا قانىلى توسۇلۇپ قالسا، ناغرىخانىنىڭ ياللۇغلىنىشى (ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نورمال ئەھۋالدا سىرتقى مۇھىتتىكى ھاۋا بېسىمى تۇيۇقسىز ئارتىپ كەتسە (مەسىلەن پارتلاش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن) ئېغىز بوشلۇقىنى چوڭ ئېچىپ يۇتقۇنچاق ناغرىخانا قانىلىنى توسالغۇدىن خالاس قىلىش ئارقىلىق ناغرا پەردىنى قوغداش ۋە تەۋرىنىشتىن يىرتىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش لازىم.