Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
氧化磷酸化
بىئولوگىيە
ئوكسىدلىنىش - فوسفاتلىشىش
نەپەسلىنىدىغان ھۈجەرىلەردە ھىدروگېن ۋە ئېلېكترونلارنىڭ يۆتكىلىشى بىلەن ADP نىڭ فوسفاتلىنىپ ATP ھاسىل قىلىشى جۈپلىشىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان جەرياندۇر. ئوكسىدلىنىش - فوسفاتلىشىش رولى ئاساسىي ماددا سەۋىيىسىدە ۋە نەپەس زەنجىرى سەۋىيىسىدە فوسفاتلىشىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئالدىنقىسى ئاساسىي ماددا ئوكسىدلانغاندا يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك فوسفوئېستېر بېغىنىڭ بىۋاستە ھاسىل بولۇش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، 3 - فوسفوگلىتسېر ئالدېگىدنىڭ 1، 3 - دى فوسفوگلىتسېرىك كىسلاتاغا ئايلىنىش رېئاكسىيىسىنى كۆرسىتىدۇ. كېيىنكىسى ھىروگېن ۋە ئېلېكترونلارنىڭ نەپەس زەنجىرىدە يۆتكىلىپ ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىلىشى بىلەن ATP نىڭ ھاسىل بولۇشىنىڭ جۈپلىشىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جەريانىدا ئېنېرگىيىسى يۇقىرىراق سەۋىيىدە بولغان ئېلېكترونلار نەپەس زەنجىرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن تۆۋەنرەك سەۋىيىگە چۈشىدۇ. قويۇپ بېرىلىگەن ئېنېرگىيىنىڭ بىر قىسمى فوسفاتلىشىش ئارقىلىق يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك بىرىكىمىلەردە زاپاس ساقلىنىدۇ. NADH نەپەس زەنجىرىدىكى ئۈچ ئورۇندىن قويۇپ بېرىلىدىغان ئەركىن ئېنېرگىيىلەر ADP نىڭ فوسفاتلىشىپ ATP ھاسىل قىلىدىغان ئېنېرگىيىسى (7 - 10 كىلوكالورىيە) دىن كۆپ بولىدۇ. ئېلېكترونلاردىن ئوكسىگېن مولېكۇلىسى يەتكۈزۈلگەنلىكتىن ھاسىل بولغان ئېنېرگىيە 7.52 كىلوكالورىيە بولۇپ، ئۈچ ئورۇن ئارقىلىق تەدرىATP (P/ 2 e = 3) ھاسىل بولىدۇ. FADH2 زەنجىرىدە فلاۋىنلىق ئاقسىللار I ئورۇندىن ئۆتمەستىن CoQ ئارقىلىق بىۋاستە نەپەس زەنجىرىگە ئۆتەپ ئوكسىگېنسىزلىنىدۇ ۋە نەتىجىدە پەقەت ئىككى مولېكۇلا ATP ھاسىل بولىدۇ.
ئورمانچىلىق
yǎng huà lín suān huà
ئوكسىدلاپ فوسفاتلاشتۇرۇشDتەنتەربىيە
yǎng huà lín suān huà
ئوكسىگېنلىق فوسفاتلاشتۇرۇش، ئوكسىدلىنىش ۋە فوسفاتلىنىشDئۇنىۋېرسال
yǎng huà lín suān huà
ئوكسىدلىنىش - فوسفورىللىشىش