Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاندېرسون
دائىرە: دۇنيا تارىخى安德逊
ān dé xùn
(1828 - 1867) شۋېتسىيە ئېكسپېدىتسىيىچىسى، غەربىي جەنۇبىي ئافرىقىدا كۆپ قېتىم ئېكسپېدىتسىيە قىلغان؛ 1850-يىلى دامارالانددا ئولتۇراقلاشقان، ئوۋامبولانددا ئېكسپېدىتسىيە قىلىش داۋامىدا ئۆلگەن. ئۇنىڭ <نگامې كۆلى> ۋە <ئوكانانگو دەرياسى> ناملىق ئەسەرلىرى بار.
دائىرە: دۇنيا تارىخى安特生
ān tè shēng
(1874 - 1960) شۋېتسىيە ئارخېئولوگى، گېئولوگى. ياش ۋاقتىدا شىمالىي قۇتۇپ رايونىدا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغان. 1906-يىلى شۋېتسىيە گېئولوگىيە تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. 1914 - 1925-يىللىرى جۇڭگوغا كېلىپ، شىماىي مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك - سودا مىنىستىرلىكىنىڭ كان ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بولۇپ، جۇڭگودا گېئولوگىيە خىزمىتى ئىشلىگەن. جۇكودىيەن خارابىلىرىنى تەكشۈرۈپ چىققان ھەمدە خېنەن، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق جايلاردا بەزى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ياڭشاۋ يېزىسى قاتارلىق خارابىلارنى تېپىپ، زور مىقداردىكى رەڭلىك ساپال قاچىلارغا ئېرىشكەن. ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ستوكھولم يىراق شەرق قەدىمكى زامان ئاسار ئەتىقىلەر مۇزېيىنى قۇرغان ۋە ئۇنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇنىڭ <جۇڭخۇا قەدىمكى زامان مەدەنىيىتى>، <جۇڭگونىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات> ناملىق كىتابلىرى بار. ئۇ، جۇڭگو ئىپتىدائىي مەدەنىيىتىنى ئالتە دەۋر (چىجا، ياڭشىياۋ، مادېن، شىندىيەن، سىۋا، شاجىڭ) گە بۆلۈش تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بىراق زور مىقداردىكى ئارخېئولوگىيىلىك مەلۇماتلار ئۇنىڭ تەلىماتىنىڭ پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.
دائىرە: دىنى سۆزلۈكلەرخىرىستيان دىنى
安迪生
ān dí shēng
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى安德森〈澳、美、加、阿根、印、南非〉
ān dé sēn 〈ào 、měi 、jiā 、ā gēn 、yìn 、nán fēi 〉
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.