Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاندورنىك
دائىرە: دۇنيا تارىخى安德洛尼卡二世
ān dé luò ní kǎ èr shì
(تەخمىنەن 1259 - 1332) ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى (1282 - 1328). تەختتىكى مەزگىلىدە تۈركلەر ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ كىچىك ئاسىيادىكى زېمىنىنى ئۈزلۈكسىز پىلە قۇرتىدەك يالماپ يۇتۇۋالغان. تۈركلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن، ئىسپانىيە كاتالونا ياللانما قوشۇنىنى قوبۇل قىلغان. 1306 - 1308-يىللىرى بۇ ياللانما قوشۇن ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئىمپېرىيە تەۋەسىدىكى فراكىيە ۋە ماكېدونىيە رايونىنى ئاياغ ئاستى قىلغان، ئاندىن كېيىن ئافىنا رايونىنى بېسىۋالغان ( ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىغا كەلگەندە بۇ يەردىن چېكىنىپ چىققان). 1321-يىلى نەۋرىسىنىڭ (كېيىنكى ئاندورنىڭ 1296 - 1341 ) نىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بوۋىسى بىلەن نەۋرىسى ئوتتۇرىسىدا ئچكى ئۇرۇش يۈز بەرگەن. 1328-يىلى ئىچكى ئۇرۇش ئاياغلىشىپ تەختتىن قالدۇرۇلۇپ، كېيىن موناستىردا ئۆلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.