Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاندا ساندا
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قىسقىغىنا ۋاقىت.
دائىم، ھەمىشە
ھەممە ۋاقىت، ئۇزاق ۋاقىت.
ئالدامچىلىق بەزىدە غەلىبە قىلىپمۇ قالىدۇ، لېكى ئۇ ھەمىشە ئۆزىنى ھالاك قىلىپ بارىدۇ. ئەگەر كىمنىڭ سۆزى بولسا دائىم يالغان، ئەقىل دەر: <يۈزىدە يوق نۇردىن نىشان>. دىلىڭ ھېچ بولمىسۇن غەمكىن، غەش، خىرە؛ گۇناھتىن ۋۇجۇدۇڭ پاك تۇرسۇن ھەمىشە. ئاندا - ساندا ئاتسىمۇ دەل ئاتىدۇ. دائىم يېگەن ئاچ، بىرە - بىرە يېگەن توق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئارىلاپ - ئارىلاپ، ئىزچىل ئەمەس.
يولدا بىرە - بىرە ماشىنا ئۇچراپ قالاتتى. ئۇ گەپ قىلماي ئولتۇردى، ئاندا - ساندا كۈلۈپ قوياتتى، ئاندا - ساندا ئاتىسىمۇ دەل ئاتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
بەزى - بەزىدە، بىرە - بىرە، گاھ - گاھ.
شەھەر سېپىلىنىڭ تۆت دەرۋازىسى ئۈستىدىكى قاراۋۇل پوتەيلىرىگە كىرىۋالغان دۈشمەن ئەسكەرلىرى ئاندا - ساندا ئوق چىقىرىپ قوياتتى.
ئۇ يەر، بۇ يەردە، ئۇندا - مۇندا.
ئۇنىڭ چېكى چاچلىرىغا ئاندا - ساندا ئاق سانجىلغان، كۆزلىرىنىڭ جىيەكلىرىگە ئىنچىكە سىزىقلار تارتىلغانىدى.