Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئانالىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر شەيئى، ھادىسە ۋە ئۇقۇمنى ئاددىي تەركىبلەرگە ئايرىپ، ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىنى تېپىش ئۇسۇلى.
« ئانالىز » كۆپرەك تەبىئىي پەن ساھەسىدە ئىشلىتىلىدۇ.
كونكرېت مەسىلىنى كونكرېت تەھلىل قىلىش كېرەك. ئۆلۈك ھالدا يادقا ئالماي، ئانالىز قىلىش يولى بىلەن ھاسىل قىلىنغان بىلىم ھەقىقىي بىلىمدۇر.
پسىخولوگىيە
«ئانالىز ۋە سىنتېز» غا قاراڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە، گرېكچە
تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنى تۈرلەرگە ئاجرىتىپ تەتقىق قىلىش ئۇسۇلى، تەھلىل؛ ھەر تەرەپلىمە تەھلىل قىلىش، چوڭقۇر تەكشۈرۈش.
ئوبيېكتنى ئۆزگەرتىشتە سۆز ئارقىلىق كۆرسىتىش بىلەن ئانالىز قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.
ماددىنىڭ تەركىبىنى ئېنىقلاش.
خىمىيىۋى ئانالىز. ماتېماتىكىلىق ئانالىز.