Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئانال بېزى
دائىرە: بىئولوگىيە肛门腺
gāngménxiàn
ھايۋان تېنىدىكى ئانۇس يېنىغا ياكى ئىچىگە جايلاشقان ياكى شۇ يەردىن ئېغىز ئاچقان، سېسىق سۇيۇقلۇق چىقىرىدىغان بەز. بەزى ھاشاراتلاردىن بوڭ - بوڭ قوڭغۇز ئائىلىسىدىكى (Pheropsophus jessoensis) نىڭ قورساق قىسمىنىڭ ئىككىنچى بوغۇمىدا بىر جۈپ ئانال بېزى بولۇپ، ئانۇس يېنىغا ئېغىز ئاچقان، دۈشمىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا قويۇق تۇمانغا ئوخشاش، چىرىتىش رولىغا ئىگە سېسىق سۇيۇقلۇق چىقىرىدۇ. سۈت ئەمگۈچىلەردىن سېسىق كۈزەن ئائىلىسىدىكى نۇرغۇنلىغان تۈردىكىلەرنىڭ ئانۇسىنىڭ يېنىدا مۇشۇنداق بەزلىرى بولىدۇ، مەسىلەن، ئاغمىخان دۈشمىنىگە يولۇققاندا دەرھال ئانۇسىدىن سېسىق گاز چىقىرىپ دۈشمىنىگە تاقابىل تۇرىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.