Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئامىستېردام شەرتنامىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى阿姆斯特丹条约
ā mǔ sī tè dān tiáo yuē
روسىيە، فرانسىيە ۋە پرۇنسىيە بىر - بىرىنىڭ دومىنىئونىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 7171-يىل 8-ئاينىڭ 15-كۈنى گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدە ئىمالىغان شەرتنامە. شىمال ئۇرۇشى بىلەن بولۇپ كەتكەن روسىيە ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ قوللىشىغا جىددىي موھتاج بولغاچقا، بۇ شەرتنامىنى ئمىزالاش جەريانىدا تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرغان. سۆھبەت دەسلەپتە 1717-يىل 4-ئايدا پارىژدا باشلانغان، بۇ سۆھبەتكە ئىمپېراتور پېتېرمۇ بىۋاستە قاتناشقان. بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن، روسىيە بىلەن پرۇسسىيە <ئوترېخت سۈلھ شەرتنامىسى> (1713) ۋە (راشتات شەرتنامىسى< )1714( نى ئېتىراپ قىلغان. فرانسىيە ئالدى بىلەن >روسىيە - شۋېتسىيە سۈلھ شەرتنامىسى< نىڭ شەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە 1718 - يىلى قەرەلى توشىدىغان «فرانسىيە - شۋېتسىيە شەرتنامىسى» نىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى رەت قىلغان. شەرتنامىدە يەنە شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەرنىڭ بىر تەرەپ ھۇجۇمغا ئۇچرىسا بىر - بىرىگە ياردەم بېرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شەرتنامە فرانسىيىنى شىمال ئۇرۇشى ئاياغلىشاي دېگەندە بىتەرەپ مەيداندا تۇرغۇزغان، بۇ روسىيە دىپلوماتىيىسىنىڭ غەلىبىسى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.