Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئامرىتسار پاجىئە
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ھىندىستاندىكى ئارىتسار خەلقىنى قىرغىن قىلغان ۋەقە. 1919-يىلى 3-ئاينىڭ بېشىدا، ئامرىتسار شەھەر خەلقى ئەنگلىيىگە قارشى ئۈزلۈكسىز كۈرەش ئېلىپ بېرىپ <روۋلات قانۇنى> غا ئېتىراز بىلدۈرگەن. 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى بۇ شەھەردىكى داڭلىق ئىككى سىياسىئوننى شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىپ، خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. 30 مىڭدىن ئارتۇق ئامما شەھەر مەمۇرىيىتى مەيدانىدا نامايىش قىلىپ، قوراللىق ساقچى ئارمىيە بىلەن توقۇنۇشقا ھەمدە نامايىشنى خەلق قوزغىلىڭىغائايلاندۇرغان. قوزغىلاڭچىلار پويىز ئىستانسىسى، تېلېگراف ئىدارىسى ۋە تېلېفون ئىدارىسىنى ئىشغال قىلغان. مۇستەملىكىچى دائىرىلەر شۇ كۈنى كەچتە دەرھال مايور ديېر باشچىلىقىدىكى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى ئەۋەتىپ بۇ شەھەرگە ئورۇنلاشتۇرغان. 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جۇلىنۋارا بەگ مەيدانىغا يىغىلغان. ديېر ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلىپ مەيداننىڭ چىقىش ئېغزىنى قامال قىلىۋالغان ھەمدە يىغىلغان ئاممىنى ئوققا تۇتۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، 379 كىشىنى شۇ جايدىلا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، 1200 دىن ئارتۇق كىشىنى يارىدار قىلغان. پاجىئەدىن كېيىن خەۋەرنىڭ تار قىلىپ كېتىشنى تۆت ئاي كونترول قىلغان. خەۋەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، پەنجاپ ۋە ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەنگلىيىگە قارشى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك دولقۇن كۆتۈرۈلگەن.