Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئامېرىكىدىكى قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
美国废奴运动
měi guó fèi nú yùn dòng
ئامېرىكا خەلقىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىشنى ھەرىكىتى. مۇستەملىكە دەۋرىدە ۋە مۇستەقىللىك ئۇرۇشى مەزگىلىدىلا، فرانكىلىن، جېففېرسون قاتارلىق كىشىلەر قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇستەقىللىك ئۇرۇشىدىن كېيىن، دىنپەرسەلەر مۇخلىسلىرى قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىشنىڭ ئەڭ ئاكتىپ تەشەببۇسچىلىرىغا ئايلانغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، بۇ ھەرىكەت ئۇچقاندەك راۋاجلىنىپ، ئاممىۋى ھەرىكەتكە ئايلانغان. قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئاتاقلىق كىشىلەردىن جامىس بىرىنىي (1792 - 1857)، ۋېلد (1803 - 1895) قاتالىقلار بار. 1832-يىلى <يېڭى ئەنگلىيە قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى جەمئىيىتى> قۇرۇلغان. 3183-يىلى <ئامېرىكا قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى جەمئىيىتى> قۇرۇلغان. 1850-يىلىغا كەلەەندە، قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى جەمئىيەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى 150 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ كەتكەن. نەچچە مىڭ خىل كىتاب. گېزىت - ژۇرنال نەشر قىلىنغان. تەشەببۇسكارلار يەنە جايلاردا نۇتۇق سۆزلەپ، قۇللۇق تۈزۈمنىڭ رەزىللىكلىرىنى پاش قىلغان. ھەرىكەت جەريانىدا، فېلىپىس، دوگلاس قاتارلىق قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى ھەرىكەتنىڭ داھىيلىرى مەيدانغا كەلگەن. بۇ بۇرژۇئازىيە خاراكتېرىدىكى دېموكراتىك ھەرىكەت بولۇپ، نېگىرلارنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىغان.