Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئامېرىكا ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكىنىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى. 1886-يىلى قۇرۇلغان. ئۇ، مەلىكىلىك ئىشچىلارنىڭ كەسىپداشلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى. ھەربىر كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسىدە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە مەلىكىسىز ۋە تەشكىلاتسىز ئىشچىلار قاتناشتۇرۇلمىغان، نېگىرلار قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئىشىچلىرىمۇ كەمىسىتلگەن. ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى ئشچىلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئىتىگىلا ئېتىبار بېرىپ، ئىشچىلارنىڭ سىياسىي كۈرەش ئېلىپ بېرىشىغا قارشى تۇرغان. كوللېكتىپ توختام تۈزۈش ئارقىلىق ئىش سائىتىنى ئازايتىش، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئەمگەك شارائىتىنى ئازايتىش، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىشلاش مەقسىتىگە يېتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئىش تاشلاشنى پەقەتلا ئەك ئاخىرقى كۈرەش ۋاستىسى قىلغان. 1935-يىلى تەشكىلات بۆلۈنۈپ كەتكەن، كان ئىشچىلىرى بىرلەشمىسى قاتارلىق ئون سانائەت سىستېمىسىدىكى ئىشچىلار يولباشچىلىرى باشچىلىقىدا باشقىدىن ئامېرىكا سانائەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسى (قىسقارتىپ <سانائەت بىرلەشمسى> دېيىىدۇ) تەشكىل قىلىنغان. 1955-يىلى ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن سانائەت بىرلەشمىسى يېڭىۋاشتىن قوشۇلۇپ، <ئامېرىكا ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى - ئامېرىكا سانائەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسى - سانائەت بىرلەشمىسى> دەپ ئاتالغان. بۇ ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.