Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئامېرىكا دېھقان - ئىشچىلار پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
美国农工党
měi guó nóng gōng dǎng
ئامېرىكىدىكى دېھقانلار بىلەن تەشكىللىك ئىشچىلاردىن تەركىب تاپقان كىچىك پارتىيە. 1919-يىلى چىكاگودا قۇرۇلغان چېغىدا، <مەملىكەتلىك ئەمگەكچى ئىشچىلار پارتىيىسى> دەپ ئاتالغان. 1920-يىلى ئىسمىنى <دېھقان ئىشچىلار پارتىيىسى> گە ئۆزگەرتكەن. بۇ پارتىيە تۆمۈريول، جامائەت ئىشلىرى ۋە تەبىئىي بايلىقلار ئومۇمنىڭ مۈلۈكچىلىكىدە بولۇش، خۇسۇسىي بانكىلارنى بىكار قىلىش، بوز يەرلەر دۆلەتنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇش قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلغان. 1923-يىلى ئىچشىلار پارتىيىسى (كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ تەكتى) نىڭ تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئىككى پارتىيە بىرلىشىپ، دېھقان - ئىشچىلار بىرلەشمە پارتىيىسى بولۇپ قۇرۇلغان. <1924-يىلى >تەرەققىيپەرۋەر سىياسىي پائالىيەتچىلەر كېڭەشمىسى< گە قاتنىشىپ، لافوللېتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىشىنى قوللىغان 1924-يىلى، سايلامدىن كېيىن بۇ پارتىيە يوقالغان. شۇ ئارىدا، مىننېستا شتاتىدىكى پارتىيىسىزلار ئىتتىپاقىنىڭ قاتناشچىلىرى بىلەن بەزى ئىشچىلار ئۇيۇشما تەشكىلاتلىرى 1918-يىلىدىن باشلاپ، دېھقان - ئىشچىلار پارتىيىسنىڭ نامىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئۈچ كىشىنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزالىقىغا ۋە شتات باشلىقىلىقىغا سايلىغان. 1944-يىلى شۇ شتاتتىكى دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن.