Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئامرا مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
阿姆拉文化
ā mǔ lā wén huà
ناچادا مەدەنىيىتى Ⅰ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىسىردا برونزا قوراللار بىلەن تاش قوراللار بىرلىكتە ئىشلىتىلگەن دەۋردىكى مەدەنىيەت. 1895-يىلى يۇقىرى مىسىرنىڭ ئابدوس ئەتراپىدىكى ئەل - ئامرا دېگەن جايدىن تېپىلغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 4000 يىل ئىلگىرى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا توغرا كېلىدۇ. ئومۇمەن ئابىدوسنىڭ شەرقىي جەنۇبدىكى ناچادادىن ئېدفۇ دېگەن جايغىچە تارقالغان. قېپقالغان نەرسىلەردىن تاش گۈرجەك، تاش ئوتىغۇچ ۋە تاش پىچاق قاتارلىقلار بار، ئېسىل سۈپەتلىك چاقماق تېشى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ياسىلىشى بىرقەدەر سىپتا بولغان. برونزا قوراللاردىن نېپىز برونزا قوراللاردىن نېپىز برونزا تاختا ۋە بىر ئۇچىغا كۆز چىقىرىلغان برونزا يىڭنە قاتارلىقلار بار. ساپال قاچىلىرىغا ئۆزىگە خاس قىزىل گىرۋەك چىقىرىلغان. يەنە ئاق گىرۋەك چىقىرىلغانلىرىمۇ بارلىققا كەلگەن. ئاھالىسى ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ھەم بېلىق تۇتۇش ۋە ئوۋچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. قەبرىستانلىقتىن پىل چىشى ۋە تاشتىن ياسالغان ئەركەكنىڭ كىچىك ھەيكىلى تېپىلغان. قېزىۋېلىنغان نەرسىلەر ئىسپاتلىدىكى، ئامرا مەدەنىيىتى ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتى باسقۇچىدا تۇرغان، لېكىن ئاخىرقى باسقۇچىغا توغرا كېلىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
阿姆拉文化
ā mǔ lā wén huà