Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئامورىلار
دۇنيا تارىخى
阿摩利人
ā mó lì rén
سەمىتلار (ساملار) نىڭ بىر تارمىقى. مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە سۈرىيىدىكى مېسوپوتامىيە ۋادىسى ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان. ئاككاد تىلى (مىخ يېزق سېغىز مەتبەئەسى) دا <ئامۇررۇ> دەپ ئاتالغان بولۇپ، <غەربلىكلەر> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. <تەۋرات> تا <ئامورىلار> دەپ ئاتالغان. ئۇلار ئاساسەن پەلەستىن رايونىدا ئولتۇراقلاشقان كەنئانلارنى كۆرسىتىدۇ. مىلادىدىن تەخمىنەن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۇلار مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇ ئۈچىنچى خاندانلىقىنى مەغلۇپ قىلغان ھەمدە ئىسسىن، لارسا قاتارلىق شەھەرلەرنى بىنا قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅹ Ⅸ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئامورىلارنىڭ يەنە بىر تارمىقى ئېفرات دەريساسى بويىدىكى بابىلون شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقىنى قۇرغان. ئۇلارنىڭ ئالتىنچى ئەۋلاد پادىشاھى خاممۇرابى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى) پۈتۈن مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى كەڭ رايونلارنى بويسۇندۇرۇپ، ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن، بىرلىككە كەلگەن كۈچلۈك دۆلەت قۇرغان ھەمدە <خاممۇرابى قانۇنى> نى تۈزگەن. ئامورىلار سۈمېر - ئاككاد مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، سام تىلىدىكى مىخ يېزىقنى قوللانغان.