Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئامون
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى مىسىر تەڭرىسى. ئۇ ئەسلىدە يۇقىرى مىسىردىكى تېبېس شەھىرىنىڭ ھامىي تەڭرىسى ئىدى. ئوتتۇرا پادىشاھلىق دەۋرىدە مىسىر تېبېسنى مەركەز قىلغان ھالدا بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. ئامون بارابارا پۈتۈن مىسىرنىڭ ئالىي تەڭرىسى بولۇپ قالغان. قېرئەۋىن ئۆزىنى <ئاموننىڭ ئوغلى> دەپ ئاتىغان. ئامون دائىم را تەڭرىسى (قۇياش تەڭرىسى) بىلەن بىر گەۋدە قىلىپ قارىلىپ، <ئامون، را تەڭرىسى> دەپ ئاتالغان. مىسىر مەركىزىي ھاكىمىيىتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ (بولۇپمۇ 18-سۇلالە دەۋرى) ئامون، را تەرىسى بارلىق تەڭرىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ تەڭرى دەپ جاكارلانغان. مىسىر ئەپسانىلىرىگە قارىغاندا ئامون، را ھەر كۈنى ئالتۇن قولۋاققا ئولتۇرۇپ سامانى كېزىپ، ئۆز نۇرىنى زېمىنىغا چاچىدىكەن، كېچىسى يەر ئاستىغا چۈشۈپ، تاڭ سەھەردە يورۇق دۇنياغا قايىتپ كېلىدىكەن، يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستىدىن ئىبارەت ئىككى دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى ئىكەن. تېبېستىكى ئامون ئىبادەتخانىسى قەدىمكى مىسرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىبادەتخانىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەددى - ھېسابسىز يېرى ۋە بايلىقى بولغان. ئامون كاھىنلىرىنىڭ ھوقۇق - كۈچى فېرئەۋىنلەر بىلەن باراۋەر بولغان.