Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئامېن شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
亚眠条约
yà mián tiáo yuē
1802-يىلى فرانسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئەنگلىيە ئامېندا ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامە. 1801-يىل 2-ئايدا فرانسىيە بىلەن ئاۋسترىيە <لۇنېۋىل شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە، روسىيە ۋە ئاۋسترىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ، يېتىم قالغان. شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە لوندوندا سۈلھ شەرتنامىنىڭ دەسلەپكى ماددىلىرىنى ئىمزالىغان. ئارقىدىنلا كورنۋاللىس ئەنگلىيىگە، جوسېف بۇناپارت فرانسىيىگە ۋاكالىتەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، 1802-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئامېن (فرانسىينىڭ شىمالى) دا رەسمىي سۈلھ شەرتنامە ئىمزالىغان. ئىسپانىيە بىلەن باتاۋىيە جۇمھۇرىيىتى (گوللاندىيە) مۇ شەرتنامىگە ئىمزا قويۇشقا قاتناشقان. سۈلھى شەرتنامىدە، ئەنگلىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىگىلىۋالغان بەزى مۇستەملىكىلەر (مارتىنىڭ ئارىلى، گۋادېلوپ ئارىلى، مېنوركا ئارىلى قاتارلىقلار)نى فرانسىيە، ئىسپانىيە ۋە گوللاندىيىگە قايتۇرۇپ بېرىش، سەيلون ۋە ترىنىدانى ساقلاپ قېلىش؛ مالتا ئارىلىنى مالتا رىتسارلار پولكىغا تاپشۇرۇپ بېرىش ھەمدە ئوتتۇرا ياۋروپا ۋە جەنۇبىي ياۋروپانىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق؛ فرانسىيە نېئاپولدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ، مىسىرنى تۈركىيە ئىمپېرىيىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش، ئىئونىيە تاقىم ئاراللىرىنى روسىيە ۋە تۈركىيىنىڭ ھامىيلىقىغا بېرىش بەلگىلەنگەن. سۈلھ شەرتنامىدە فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيىنىڭ سودىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان.