Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئامىنو ترانسفېرازا
بىئولوگىيە
ئامىنو كىسلاتالىرى بىلەن كېتونلۇق كىسلاتالار ئارىلىقىدا ئامىن رادىكالىنىڭ يۆتكىلىشىگە كاتالىزاتورلۇق قىلىدىغان ئېنزىم بولۇپ، ترىئونىن، لىزىنلاردىن باشقا ئامىنو كىسلاتالىرىدا بىردەك ئامىن رادىكالىنى يۆتكەش رولى بولىدۇ. مەلۇم بولغان ئون نەچچە خىل ئامىنو ترانسىفېرازىنىڭ ياردەمچى رادىكالى پۈتۈنلەي فوسفو پرىدوكسال بولۇپ، كلۇماتىك كىسلاتا - پىرۇۋىك كىسلاتالار ئارىسىدىكى ئامىنوترانسىفېرازا (GPT) نىڭ قاندىكى ئاكتىپلىقىنى ئېنىقلاش كلىنىكىدا جىگەرنىڭ فۇنكسىيىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ كۆرسەتكۈچى قىلىنىدۇ، ئامىن رادىكالىنى يۆتكەش رولى ئاقسىل ۋە قەنتلەرنىڭ مېتابولىزمنى تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈك بولۇپ، قەنتلەرنىڭ مېتابولىزمىدا ھاسىل بولغان پرۇۋىك كىسلاتاسى، a - كېتوگلۇتارىك كىسلاتا ۋە ئوكسالوئاتسېتىن كىسلاتالىرى ئامىن رادىكالىنىڭ يۆتكىلىش رولى ئارقىلىق ماس ھالدىكى زۆرۈر بولمىغان ئامىنو كىسلاتالىرىدىن ئالانىن، گلۇماتىك كىسلاتا، ئاسپارتىك كىسلاتالىرىنى ھاسىل قىلىدۇ.