Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئامەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىنى ھۇزۇر، ھالاۋەتكە يەتكۈزىدىغان ھالەت، كۆڭۈلدىكىدەك تۇرمۇش.
دۇنيادا ئىستىسەڭ بەخت ۋە سائادەت، قىلغىن سەپداشلار دىدارىنى ئادەت. سائادەتنىڭ يولى بىلىم بىلەن ئېچىلار. كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟ تەلەيدە بوڭ - بوڭ. تەلەيگە ئىشەنگىلى بولماس. بىر كىشى ئۈچۈن پەقەت بۇ ھۈنەر ئىقبال ئىشىكىنى ئاچار مۇقەررەر. قوناق كەلدى _ قۇت كەلدى. ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ. ئامەت ئوڭدىن كەلسە، تەلەي دۆڭدىن كېلەر. دۆلەت قۇشى قونماق. قېلىنلىق _ يېرىم دۆلەت. ئوشۇق دۆلەت باشنى يارماس. بىلىڭدە بار قۇۋۋىتىڭ قىلغىن غەيرەت، مۇشۇ ياشلىق زامانىڭ كاتتا بىر دۆلەت.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئوڭۇشلۇق، ئوڭدىن كەلگەن قىسمەت. ئامەت، تەلەي كەلمەك
پالاكەت ، نەس ، دومىلە
ئوڭۇشسىز، تەتۈر كەلگەن قىسمەت. پالاكەت، نەس، دومىلە باسماق
ئامەت كەلسە، قوش كەپتۇ. ئامەتنىڭ تېشى تۆمۈرچىنىڭ بارغىنىنى سۇندۇرار. تەلىيىڭ كەلسە، خورىزىڭ تۇخۇم تۇغار. ئامەت ئوڭدىن كەلسە، تەلەي دۆڭدىن كېلەر. نەپسىگە ئەگەشكەن ئەخمەقلىق - پالاكەت تېگىدە ياتماقلىق. نەس باسقاننىڭ ئىنىكى قىسىر قالار. دومىلە باستى، ئىشىم ئوڭغا تارتمىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئىشنىڭ ئوڭدىن كېلىشى، ئىلگىرى بېسىشى؛ بەخت، تەلەي.
ئامەت كەلسە قوش كېلەر، كەلمىسە مۇشت كېلەر (ماقال).
ئامەت كەلسە ئىشىك، تۈڭلۈكتىن كىرەر (ماقال).