Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئامېدېئو
دۇنيا تارىخى
阿马戴奥三世
ā mǎ dài ào sān shì
(1726 - 1796) ساردىنىيە كورۇلى (1773 - 1796). تەختكە چىققاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ئالپ تاغلىرى چېگرىسىدىكى قورۇللارنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىي قوشۇنلار ۋە زاپاس قوشۇنلارنى كۆپەيتكەن. فرانسىيە بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت قىلىپ، 1775-يىلى فرانسىيە بىلەن مەخپىي كېلىشىم تۈزۈپ، ئاۋستىريىنىڭ تەھدىتىگە قارشى تۇرغان. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى پارتىلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوردىسى فرانسىيە قاچقۇن ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ پاناھلىنىدىغان جايىغا ئايلانغان. 1792-يىلى ياۋروپا فېئودال پادىشاھلىرىنىڭ فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقىغا قاتناشقان ھەمدە فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى ئارمىيىسىدە زەربە بەرگەن. 1796-يىلى ناپولېئون تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، فرانسىيە بىلەن سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالىغان. شەرتنامە ئاساسەن ساۋوىيا بىلەن نىسنى فرانسىيىگە بۆلۈپ بەرگەن ھەمدە پېمونتتا فرانسىيىنىڭ قوشۇن تۇرغۇزۇشىغا قوشۇلغان.
دۇنيا تارىخى
阿马工戴奥二世
ā mǎ gōng dài ào èr shì
(1666 - 1732) ساۋوييا گېرتسوگى (1675-يىلدىن باشلاپ)، سىتسىلىيە كورۇلى (1713 - 1720)، ساردىنىيە كورۇلى (1720 - 1730). 1690-يىلى فرانسىيىگە قارشى ئاۋگىسبورگ ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. 1696-يىلى ئىسپانىيە لومباردىيىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغاچقا، فرانسىيە بىلەن تۇرىندا سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالىغان، شۇنىڭ بىلەن فرانسىيىنىڭ پېمونتتىكى كۈچى بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن. ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىدا، دەسلەپتە فرانسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن، كېيىن لومباردىيە مەسلىسىدە توقۇنۇشۇپ قالغاچقا، فرانسىيە بىلەن دۈشمەنلەشكەن. <ئۇترىخېت سۈلس شەرتنامىسى> (1713) گە ئاساسەن، سىتسلىيە ئارىلىغا ۋە ئۇنىڭ كورۇلى دېگەن مامغا ئىگە بولغان. 1720-يىلى ئىسپانىيىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، سىتسىلىيە ئارىلىنى ئاۋستىريىگە بۆلۈپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ساردىنىيە ئارىلىنى ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. ئىچكى سىياسەت جەھەتتە تەرەققىيپەرۋەر مۇستەبىتلىك تۈزۈم فاڭجېنىنى قوللانغان. 1730-يىلى تەختنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن.