Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئامازون ھەمكارلىق شەرتنامىسى تەشكىلاتى
دۇنيا تارىخى
جەنۇبىي ئامېرىكا ئامازون دەرياسى ۋادىسى رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ رايون خاراكتېرلىك خەلقئارالىق ھەمكارلىق تەشكىلاتى. 1978-يىلى 7-ئايدا برازىلىيە، پېرۇ، بولىۋىيە، ئېكۋاتور، كولۇمبىيە، گۋىئانا، سورىنام ۋە ۋېنېسۇئېلادىن ئىبارەت سەككىز دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى برازىلىيىدە ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالىغان؛ 1980-يىلى 8-ئايدا كۈچكە ئىگە بولغان. شەرتنامىدە بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەلەر بىرلەشمە ھەرىكەت قوللىنىپ، ئامازون رايونىنىڭ ماس قەدەم بىلەن تەرەققي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، مۇھىت ئاسراش ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ تاشقى ئىشلار مىنىسترلىرى يىغىنى ئۇنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولۇپ، قەرەلسىز ئېچىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 1980-يىلى 10-ئايدا برازىلىيىنىڭ بېلېم دېگەن شەھىرىدە تۇنجى قېتىملىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى چاقىرىلىپ ھەمدە <بېلېم خىتابنامىسى> ئېلان قىلىنىپ، يۇقىرىدىكى مەقسەت قايتا شەرھلەرنگەن. ئامازون ھەمكارلىقى ئۇيۇشمىسى يىغىنى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالي دەرىجىلىك دىپلوماتىيە ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان، ھەر يىلى بىر قېتىم يىغىن ئېچىپ، ھەر خىل ھەمكارلىق پىلانلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگەن.