Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئالتامىرا ئۆڭكۈر رەسىملىرى
دۇنيا تارىخى
ئىسپانىيە كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئۆڭكۈر رەسىملىرى. ئىسپانىيىنىڭ شىمالدىكى سانتاندېرنىڭ جەنۇبىغا 35 كىلومېتىر كېلىدىغان ئالتامىرا ئۆڭكۈرىدە 1879-يىلى تېپىلغان. 1901-يىلغا كەلگەندە فرانسىيە ئارخېئولوگى بىرېئوئىل قاتارلىق كىشىلەر تەكشۈرگەندىن كېيىن ئاندىن كونا تاش قورال دەۋرىگە ئائىت تام رەسىملىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. ئۆڭكۈر 270 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تەرتىپسىز ئۆڭكۈر بولۇپ، تام رەسىملىرى ئۆڭكۈر ئېغىزىدىن ئىچكىرىگىچە بولغان خېلى ئۇزۇنلۇققىچە سىزىلغان. ئاساسەن كىرىش ئېغىزىنىڭ سول تەرىپىدىكى ئۇزۇنلۇقى 18 مېتىر، كەڭلىكى 8 - 9 مېتىر كېلىدىغان <چوڭ ئۆي> نىڭ ئۆگزە قىسمىغا مەركەزلەشكەن. ئۆڭكۈر تاملىرىنىڭ ئوڭغۇل - دوڭغۇللۇقىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ ئات، بۇغا، كالا قاتارلىق ئەمەلىي سېزىمگە ئىگە ھايۋاناتلارنى سىزغان، ئاز ساندا ئادەمسىمان مايمۇنلىرىنىڭ ئوبرازىمۇ سىزىلغان، ئادەم سۈرىتى سىزىلمىغان، سىزىش ماھارىتى ۋە ئۇسۇلى پىششىق، ئىخچام ھەم كۆركەم. ماگدالېن مەدەنىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە مەنسۇپ بولغان ھەر خىل رەڭلىك رەسىملەر بىرقەدەر كۆپ. ئۇ كونا تاش قورال دەۋرىدىكى رەسساملىقنىڭ يۈكسەك سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھازىر ئالتامىرا ئۆڭكۈر سەنئىتى مۇزېيى قۇرۇلغان.