Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئالېرامو
دائىرە: دۇنيا تارىخى阿列拉谟
ā liè lā mó
(1876 - 1960) ئەسلى ئىسمى رىنا فاككىئو. ئىتالىيىلىك ئايال يازغۇچى، شائىرە. ئالېكساندرىيىدە تۇغۇلغان. يېزا مائارىپ خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان. ئاياللارنىڭ ئازادلىقىنى تەشەببۇس قىلغان. 1925-يىلى كروكې تەشەببۇس قىلغان فاشىستلارغا قارشى خىتابنامىگە ئىمزا قويغۇچىلرنىڭ بىرى. كېيىن ئىتالىيە كومپارتىيىسىگە كىرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئايال » دا ئايالنىڭ ئەرنىڭ زۇلمىغا ئۇچرىغانلىقى تەرجىمىھال شەكلىدە تەسۋىرلەنگەن. «ئۆزۈمنى ياخشى كۆرگەندىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايمەن»، «قامچا» ۋە «كۈندىلىك خاتىرلىرىمدىن پارچە» قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.