Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئالمىشىش تىپى
بىئولوگىيە
سان كېمەيتىپ بۆلۈنگەن ۋاقىتتا ئوخشاش مەنبەلىك خروموسومىلار ئارىسىدا ئالمىشىش بولۇپ، ھاسىل بولغان بەزى يېڭى گامېتا تۈرلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ گېن تىپى ئەجدادىنىڭ ئىككى خىل گامېتىسىنىڭ گېن تىپىگە بىردەك ئوخشاش بولمايدۇ. ئالمىشىش تىپى ئالماشقاندىن كېيىن ھاسىل بولغان، ئەجداد تىپىغا ئوخشىمايدىغان ئىندىۋىدنىمۇ كۆرسىتىدۇ.