Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئالېماننىلار
دۇنيا تارىخى
阿勒曼尼人
ā lè màn ní rén
قەدىمكى گېرمانلارنىڭ بىر تارمىقى. ئۇلار ئاساسەن رېين دەرياسى، دۇناي دەرياسى بىلەن ماين دەرياسى ئارىلىقىدىكى رايون (ھازىرقى گېرمانىيىنىڭ جەنۇبى) غا تارقالغان. ئۇلار جەڭگىۋار خەلق بولۇپ، دائىم يۆتكىلىپ تۇرغان. بىر قانچە قەبىلىلەر ئىتتىپاق تۈزگەن بولۇپ، ئۇرۇش ۋاقتىدا ئورتاق باشلىق قوماندانلىق قىلغان. پادىشاھ كاراكاللار تەختتە ئولتۇرغان مەزگىل (211 - 217) دەر رىملىقلار بىلەن ئۇچراشقانلىقى تۇنجى قېتىم خاتىرىلەنگەن؛ ئېيتىشلارغا قارىغاندا كاراكاللا مىلادى 214-يىلى ئالېماننىلانى يەڭگەن، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن <ئالېماننىكۇ> دېگەن نامغا ئىگە بولغان. Ⅲ ئەسىردىن Ⅳ ئەسىرگىچە ئالېماننىلار رىم ھېمىنىغا ئۈزلۈكسىز ئىچكىرىلەپ كىرگەن ھەم كۆپ قېتىم توسۇۋېلىنغان. لېكىن Ⅴ ئەسىرگە كەلگەندە (ئىمپېرىيىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى) ئۇلارنىڭ كۈچى ھازىرقى ئېلزاس ۋە شۋېتسارىيە ئەتراپىدىكى جايلارغىچە كېڭەيگەن.
تارىخ
阿雷曼尼人
ā léi màn ní rén