Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئالما دەرىخى
بىئولوگىيە
ئازغان ئائىلىسىگە كىرىدۇ، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. كىچىك شېخىدا دەسلەپ قويۇق يۇمشاق تۈك بولىدۇ، كېيىن چۈشۈپ كېتىدۇ، قېرى شېخى بىنەپشە قوڭۇر رەڭ بولىدۇ؛ قىشلىق بىخىدا يۇمشاق تۈكچىلەر ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى ئېللىپىس شەكىللىك، تۇخۇم شەكىللىك، كەڭ ئېللىپىش شەكىللىك بولىدۇ، يوپۇرماق گىرۋىكىدە يۇمىلاق ھەرە چىشى بولىدۇ، يۇمران مەزگىلدە ئىككىلا يۈزىدە قىسقا يۇمشاق تۈك بولىدۇ، يوپۇرماق سېپى بولىدۇ. كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىدە 3 - 7 تال گۈل بولىدۇ، گۈل سېپىدە قويۇق تۈك ئۆسىدۇ؛ گۈلى ئاق ياكى توق قىزىل بولىدۇ؛ گۈلتاجىنىڭ گىرۋىكىنىڭ رەڭگى قېنىق كېلىد، ئاتىلىقى 20، ئانىلىقى بەش بولۇپ كۆپ ساندىكى سورتلىرى ئۆز گۈلىدىن ئۇرۇقلانمايدۇ، مېۋىسى ئۇرۇقدان بىلەن گۈل تېگىنىڭ يېتىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، ئۇرۇقدان مېۋە مەركىىزنى، گۈل تېگى مېۋە گۆشىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ مېۋىسى ئازراق يۇمىلاق، ئۇزۇن يۇمىلاق، ئېللىپىسسىمان شەكىللەردە بولۇپ مېۋە پوستى كۆك، سېرىق، ياكى قىزىل رەڭدە بولىدۇ. سورتى ۋە ئۆستۈرۈلىدىغان رايوننىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ياز پەسلىدىن كۆز پەسلىگىچە ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. كۈن نۇرىنى ياقتۇرىدۇ، سوغۇققا نىسبەتەن چىداملىق، ئاساسەن ئۇلاش ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ. ئەسلى ماكانى ياۋروپا بولۇپ، كىچىك ئاسىيا ۋە شىنجاڭ قاتارلىق ياز پەسلى قۇرغاق رايونلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ. ياۋورپادا ئۆستۈرۈلۈش تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، مۇھىم مېۋىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ؛ ھازىر جۇڭگونىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ، بولۇپمۇ شەرقىي شىمال ۋە شەندۇڭدىن چىقىدىغان سورتلىرى ئەڭ ئەتىۋارلىق