Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاللېمان
دۇنيا تارىخى
阿勒曼
ā lè màn
(1843 - 1935) فرانسىيە ئۇششاق بۇرژۇئا سوتسىيالىزمچىسى. مۇمكىنچىلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ياش ۋاقتىدا مەتبەئە ئىشچىسى بولغان. 1862-يىلىدىن باشلاپ ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1871 يلى پارىژ كومۇنسى ئىنقىلابىغا قاتناشقان، كوممۇنا ئىنقىلابىغا قاتناشقان، كوممۇنا ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆمۈر بويى ئېغىر ئەمگەككە سېلىشقا ھۆكۈم قىلىنىپ، يېڭى كالېدونىيە ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1880-يىلى كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، سوتسىيالىستلار گېزىتلىرىغا ماقالە يېزىپ بەرگەن، كېيىن فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1882-يىلى مۇمكىنچىلىلەرگە قاتناشقان. 1890-يىلى مۇمكىنچىلەردىن بۆلۈپ چىقىپ، <ئىشچىلار سوتسىيال ئىنقىلابىي پارتىيىسى>نى تەشكىللىگەن. كېيىن <بىۋاسىتە ھەرىكەت> ۋە <ئومۇمىي ئىش تاشلاش> نى ھەدەپ تەرغىپ قىلىپ، پرولېتارىياتنىڭ پارتىيەقۇرۇشىغا ۋە ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشىغا قارشى تۇرغان ھەمدە گېدچىلارغا قاتتىق قارشى تۇرغان. كۆپ قېتىم ئاۋام پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 1914-يىلى سايلىنالماي قالغاچقا سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان.