Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاللانىڭ بەلگىلىمىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<قۇرئان كەرىم> دە شەرىئەتنى تەكىتلەشكە ئىشلىتىلگەن ئاتالغۇ. كەڭ دائىرىدە مەجبۇرىيەت خاراكتېرىدىكى ھەرىكەتلەر بىلەن چەكلەنگەن ۋە جازالىنىدىغان ھەرىكەتلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بولۇپمۇ مۇقىم جازا (ھۇدۇد) جىنايىتىنى سادىر قىلغان قىلمىشلارغا ماس كېلىدىغان مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ھازىرقى زاماندا بەزى ھاللاردا ئاللانىڭ ۋەھىيىسى، دەپ قارالغان فىقھە كۆزدە تۇتۇلۇپ، بىدئەتلىك خاراكتېرىدىكى قانۇنلاردىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.