Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئالېكساندىر تاقىم ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
亚厉山大群岛
yà lì shān dà qún dǎo
شىمالىي ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان 1100 دىن ئارتۇق كىچىك ئارالدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، شىمالكىي كەڭلىك 54°40′ ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ ئاراللار سىياسىي جەھەتتىن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئالياسكا شتاتىغا قارايدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى 38 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئاراللاردىكى ئاھالە يەرلىك ئىندىئانلار بولۇپ، 50 - يىللاردا بۇ ئاراللاردا ئولتۇراق 18 مىڭ ئاھالە ئىچىدە ئۇلارنىڭ سانى ئاران ئۈچ، تۆت مىڭلا بولغان. ئالېكساندىر تاقىم ئاراللىرى 1741 - يىلى رۇس ئېكىسپىدىتچىلىرى بېرنگ ۋە چېرىكوۋلار تەرىپىدىن تېپىلغان. بۇ ئاراللارغا جايلاشقان سىتىكا شەھىرى (بۇرۇن يېڭى ئارخانگېلسكىي دەپمۇ ئاتالغان) 1867 - يىلىغىچە چارروسىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلىرىنىڭ مەركىزى بولغان. بۇ ئاراللار تېپىلغاندىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتىكى چارروسىيە پادىشاھى ئالېكساندىرنىڭ نامىغا ئالېكساندىر دەپ نام قويۇلغان.
ئۇنىۋېرسال
亚历山大群岛
yà lì shān dà qún dǎo