Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئالكبىيادېس
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 450 - 404) قەدىمكى يۇنان سەردارى، ئاقسۆڭكەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق چېغىدىلا دادىسىدىن كېيىن قېلىپ، يېقىن تۇغقىنى پېرىكلېس بېقىپ چوڭ قىلغان. پەيلاسوپ سوكراتنىڭ شاگىرتى ۋە دوستى بولۇپ، پوتىدىيە جېڭى (مىلادىدىن 432 يىل ئىلگىرى) ۋەدېرىئۇم جېڭى (مىلادىدىن 424 يىل ئىلگىرى) دە بىر - بىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان، كېيىن بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن. مىلادىدىن 420 يىل ئىلگىرى سەردار بولغان. ئافىناغا ۋاكالىتەن، ئارگوس، مانتىنېيە قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، سپارتاغا قارشى تۇرغان. پېلوپوننېس ئۇرۇشىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا، پۇقرالار قۇرۇلتىيىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئافىنالارنى سىتسىلىيىگە يۈرۈش قىلىپ، ئىتالىيە، كارفاگېن ۋە پېلوپوننېس (جەنۇبىي يۇنان) نى بويسۇندۇرۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرق ۋە غەربىدە ئافىنا دېڭىز ئۈستى ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇشقا كۈشكۈرتكەن، لېكىن مۆتىدىلچىلەردىن بولغان نىكىئاسنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ئەمەلگە ئاشمىغان. مىلادىدىن 415 يىل ئىلگىرى نىكئاس بىلەن (ئىختىيارلىقى بىلەن ئەمەس) بىللە فلوتقا قوماندالىق قىلىپ، يۈرۈشكە چىققان. ئافىنا دائىرىلىرى ئۇنى خۇداغا تىل تەگكۈزۈش جىنايىتىنى ئۆتكۈزدى دەپ قاراپ، چاقىرىپ كېلىپ سوراق قىلماقچى بولغاندا، جىنايىتىدىن قورقۇپ سپارتاغا تەسلىم بولغان ھەمدە ئۇلارغا چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ بېرىپ، ئافىنانى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان. كېيىن سپارتانىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قېلىپ، يەنە پېرسىينڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، قايتىدىن باش كۆتۈرمەكچى بولغان. كېيىن ساموس ئارىلىدىكى ئافىنا دېڭىز ئارمىيىسنىڭ ئولىگارخىيىچىلىرىغا (مىلادىدىن 411 يىل ئىلگىرى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغان)بولغان نارازىلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئافىنا دېڭىز ئارمىيىسىنى قايتا ئىگىلەپ، سپارتا ئۈستىدىن بىر نەچچە قېتىم غەلىبە قىلغان. مىلادىدىن 407 يىل ئىلگىرى غالىبلار قاتارىدا ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، سەردارلىققا سايلانغان. قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئافىنالىقلار ئۇنىڭغا يەنە مۇھىم ۋەزىپە تاپشۇرغان. ئۇزاق ئۆتمەي قوشۇنى نوتىئۇم جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ چېكىنىپ، فراكىيىنىڭ كېرسون دېگەن يېرىدە ھالاك بولغان؛ ئافىنا ئاخىر مەغلۇپ بولغان (مىلادىدىن 404 يىل ئىلگىرى). كېيىن كىچىك ئاسىياغا قېچىپ كېتىۋاتقاندا قەتلى قىلىنغان.