Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئالجرىيە مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى
دائىرە: دۇنيا تارىخى1954 - 1962-يىللىرى ئالجىرىيە خەلقىنىڭ فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مىللىي مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇشى، 1954-يىلى 8-ئايدا ئالجرىيە ئىنقىلابچىلىرى <ئىتتپاقلىق ۋە ھەرىكەت كومىتېتى> (كېيىن مىللىي ئازادلىق سېپىگە ئۆزگەرتىلگەن) تەشكىللەپ، قوراللىق كۈرەش قىلىشقا تەييارلىق قىلغان. 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئائۇرېس تاغلىق رايونىدا ئاۋۋال قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. 12-كۈنى كابېيلى تاغلىق رايونى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئاۋاز قوشقان، پارتىزانلىق ئۇرۇشى تېزلىكتە پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيگەن. 1956-يىلى 8-ئايدا سۇمام قۇرۇلتىيىدا <مىللىي ئازادلىق سەپ پروگراممىسى> ماقۇللىنىپ، مۇستەملىكىچىلىك تۈزۈمىنى پاچاقلاپ تاشلاشتىن ئىبارەت ئىنقىلاب نىشانىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 1958-يىلى مىللىي ئازادلىق ئارمىيە تەرەققىي قىلىپ 130 مىڭ كىشىگە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىم زېمىنىنى ئازاد قىلغان. 9-ئاينى 19-كۈنى ئالجىرىيە جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، ئابباس زۇڭلى بولغان. 1959-يىل 9-ئاينىڭ 16-كۈنى دېگولل ئالجىرىيىنڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. 1962-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى <ئېۋىيان كېلىشىمى> نى ئىمزالىغان. 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئالجىرىيە رەسمىي مۇستەقىللىك جاكارلاپ، فرانسىيىنىڭ 130 نەچچە يىللىق مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.