Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئالجىر
دائىرە: دىنى سۆزلۈكلەرئىسلام دىنى
阿尔及尔
ā ěr jí ěr
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر阿尔及尔
ā ěr jí ěr
شىمالىي ئافرىقىغا جايلاشقان ئالجىرىيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ پورتى، دكلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. شەھەر ئاھالىسى 2 مىليون 390 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982)، ئالجىر شەھىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قىسمى 935 - يىلى قۇرۇلغان. ئەرەبلەرنىڭ ئالدىن يۈرۈش قىلغان قىسىملىرى بۇ جايغا كەلگەندىن كېيىن بۇ جاينىڭ قايسى جاي ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن، بىراق دېڭىزدا ئۇششاق ئاراللارنىڭ بارلىقىنى كۆرگەن. شۇڭا بۇجايغا ئەرەبچە <ئەل - جەزائىر> (تاقىم ئاراللار دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) دەپ نام بەرگەن. مىلادى 935 - يىللىرى ئەتراپىدا دېڭىزدىكى تۆت ئارال ئۈستىگە قۇرۇلغان ئالجىر شەھىرىنيىڭ ئەڭ دەسلەپكى قىسمى 152 - يىلىغا كەلگەندە دامبىلار ئارقىلىق چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. ھازىرقى ئالجىر شەھىرى يەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىدىكى ئالجىر قولتۇقنىڭ غەربىدە دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ 20 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. شەھەر نۇرغۇنلىغان ئېگىز - پەس ئېدىرلىقلار ئۈستىگە جايلاشقان. ئالجىر ئالجىرىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، بۇ جايدىكى سانائەت پۈتۈن ئالجىردىيىدىكى سانائەتنىڭ 2/3قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئالجىر شەھىرىدە ئالجىرىيە مۇستەقىل بولۇشتىن بۇرۇنلا بەلگىلىك سانائەت ئاساسى بار ئىدى. بۇدۆلەت يېنىك سانائەتنى ئاساس قىلاتتى، 60 - يىللاردىن باشلاپ نېفىت ھەم نېفىت مەھسۇلاتىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى. ھازىر ئۇنىڭ سانائىتىدە نېفىت ئايرىش، نېفىت - خىمىيە، ماشىنىسازلىق، سېمونت، توقۇمىچىلىق، ھاراق ئىشلەش، كۆن - خۇرۇم سانائەتلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئالجىر شەھىرىنىڭ يېنىدا چوڭ تپتىكى يۈك چۈشۈرۈش، يۈك قاچىلاش ئورنى، زامانىۋىلاشقان سودا پورتى، بېلىقچىلىق پورتى بار. ئالجىر ئالجىرىيىنىڭ يەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىدىكى ئاھالە ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان، سانائەت، يېزا ئىگىلىك، مەدەنىيەت — مائارىپ، قاتناش ترانسپورت ئەڭ تەرەققىي قىلغان رايون. شەھەردىن دۆلەتنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىگە، ماراكەش، تۇنىسلارغا بارىدىغان تكمۈر يول، تاشيول، ھاۋا يوللىرى بار. شەھەرگە 20 كىلومېتر كېلىدىغان شەرقىي جەنۇبىي رايونىدا چوڭ تىپتىكى داربىدا خەلقئارا ئايرودروم بار. 1879 - يىلى قۇرۇلغان ئالجىر داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، ئافرىقا مىللىي سەنئەت مۇزېيخانىسى، ئادەمزات مۇزېيخانىسى، ئاتاقىلىق مەسچىتلەر، رىم دەۋرىدىكى قەدىمىي تارىخىي ئورۇنلارمۇ بار.
دائىرە: ئۇنىۋېرسال阿尔及尔
ā ěr jí ěr
دائىرە: دىنى سۆزلۈكلەر
GetWord كۇللىياتى
9阿尔及尔
ā ěr jí ěr9阿尔及尔
阿尔及尔【世界各国】
ā ěr jí ěr
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.