Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
亚历山大一世
دۇنيا تارىخى
Ⅰئالېكساندر
(1) (1777-1825). روسىيە چار پادىشاھى (1801 - 1825). پاۋېل Ⅰ نىڭ ئوغلى، ئوردا سۇيىقەستىگە قاتنىشىپ، دادىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان. تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىلدە، لىبېرالىست قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئىسلاھات كومىتېتى قۇرۇپ، <ئەركىن دېھقانلار> قانۇنى (پومېشچىكلارنىڭ دېھقانلارنى قويۇپ بېرىشىگە يول قويۇش) ۋە سودىگەر، شەھەر ئاھالىسى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دېھقانلارنىڭ ئىگىسىز يەرلەرنى سېتىۋېلىشىغا يول قويۇش قانۇنىنى جاكارلىغان؛ مەملىكەت ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى پەسەيتىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، سەككىز مىنىستىرلىك (قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرلىكى، دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرلىكى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى قاتارلىقلار) ۋە گوۋۇيۈەن تەسىس قىلغان. كېيىنكى مەزگىلدە، ئاراكچىيېۋ (1769 - 1834) قا ئىشىنىپ كېتىپ، زوراۋانلىق سىياسىينى يولغا قويغان. سىرتقا قارىتا، ئاۋسترىيە، پرۇسسىيە ۋە ئەنگلىيە بىلەن بىرلىشىپ، فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ، ناپولېئوننى مەغلۇپ قىلغان. شۇنداقلا پېرسىيە (8041 - 1813)، تۈركىيە (1806 - 1812) ۋە شۋېتسىيە (1808 - 1809) گە قارشى ئۇرۇش قىلغان. گرۇزىي (1801)، فىنلادىيە (1809)، بېسساربىيە (1812)، ئەزەربەيجان (1813) نى قورشۇۋالغان. ۋېنا يىغىنىغا قاتنىشىپ كېيىن مۇقەددەس ئىتىپاقنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. (2) (1876 - 1903). سېربىيە پادىشاھى (1889 - 1903). 13 يېشىدا تەختكە ئولتۇرغان. 1893-يىلى ياش - قۇرامىغا يەتكەنلىكىنى جاكارلاپ، بۇرژۇئا رادىكاللىرىىدن تەركىب تاپقان نائىب ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئەالىرىنى قولغا ئالغان. 1894-يىلى 9188-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇننى بىكار قىلىپ، 1869-يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1901-يىلى يېڭى ئاساسىي قانۇننى جاكارلاپ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنى بەلگىلەپ چىققان. تەختتىكى مەزگىلدە، مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ، ئىلغار كۈچلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ، سىياسىي قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، دۆلەتنىڭ مالىيە قالايمىقانچىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن، سىرتقا نىسبەتەن، ئاۋسترىيىگە يېقىن بولۇش فاڭجېنىنى يولغا قويغان، 1903-يىلى 6-ئايدا رادىكاللار بىرلەشمە ئارمىيىسنىڭ ئوفىتسېرى تەرىپىدىن يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن. (3) (1893 - 1920)، گرېتسىيە پادىشاھى (1917 - 1920). دادىسى كونستانتىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە بىلەن يېقىن بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقتىن، ئانتانتا دۆلەتلەرنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن قوغلىۋېتىلىپ، ئالېكساندر تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە، ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلەر باش ۋەزىر ۋېنىزېلوسقا باغلىق بولغان.