Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئالىي نېرۋا پائالىيىتى
بىئولوگىيە
نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئالىي ئورۇنلىرىنىڭ پائالىيىتى بولۇپ، ئاساسلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلاردىكى چوڭ مېڭىنىڭ خىزمىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، ⅩⅩ ئەسىردىكى روسىيە فىزىئولوگى پاۋلوۋ (1849 - 1936) نىڭ ھايۋانلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئالىي ئورنى ئۈستىدە نەچچە ئون يىل ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى ئارقىلىق بەرپا قىلغان تەلىماتى. ئالىي نېرۋا پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق شەكلى شەرتلىك رېفلېكس بولغاچقا پاۋلوۋ شەرتلىك رېفلېس تەلىماتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پاۋلوۋ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنى شەرتلىك رېفلېكس ئورگىنى دەپ قارايدۇ. ئادەم ۋە ھايۋانلار ئىندىۋىدلىق ھاياتى جەريانىدا خىلمۇ خىل شەرتلىك رېفلېكسلارنى (ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ) ئۆزگىرىشچان تاشقى مۇھىت شارائىتىغا ماسلىشىدۇ، ئەگەر مۇھىتتا ئۆزگىرىش يۈز بەرسە، شەرتلىك رېفلېكستىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ كۈچىيىدۇ ياكى ئاجىزلايدۇ، ياكى يېڭى شەرتلىك رېفلېكس بەرپا قىلىدۇ. شەرتلىك رېفلېكسنى مۇسپىي شەرتلىك رېفلېكس ۋە مەنپىي رېفلېكس دەپ بۆلۈشكە بولىدۇ. مەسىلەن، ئىت 2000 گېرتس ۋە 3000 گېرتس ئىنتوناتسىيە تەسىرىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. 2000 گېرتسلىق ئىنتوناتسىيە (ئاھاڭ 2000) ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ بىرلەشمە رولى بىلەن ئىتتا ئاھاڭ 0200 گە بولغان مۇسبەت شەرتلىك رېفلېكس پەيدا بولىدۇ، كېيىن ئاھاڭ 2000 يالغۇز تەسىر كۆرسەتكەندە (ئوزۇقلۇق تېخى چىقماي تۇرۇپلا) ئىتنىڭ شۆلگىيى ئاجرىلىشقا ۋە باشقا ئوزۇقلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتلەر ئىپادىلىنىشكە باشلايدۇ؛ 3000 گېرتسلىق ئىنتوناتسىيە (ئاھاڭ 3000) نىڭ تەسىرى ئاستىدا ئوزۇقلۇق بەرمەي ئاھاڭ 2000 دىن پەرقلەندۈرۈلۈپ ئاھاڭ 3000 نىڭ مەنپىي شەرتلىك رېفلېكس پەيدا قىلىنىپ ئاھاڭ 3000 يالغۇز تەسىر قىلدۇرۇلغاندا ئىتنىڭ شۆلگىيى ئاقمىغان، ئوزۇقلىنىش قىلىق - بەلگىلىرىمۇ ئىپادىلەنمىگەن بولىدۇ. بۇ ئاھاڭ 2000 نىڭ پوستلاق قەۋىتىدە قوزغىلىش پەيدا قىلىش جەريانى بىلەن ئاھاڭ 3000 نىڭ تورمۇزلىنىش پەيدا قىلىش جەريانىنىڭ نەتىجىسى. قوزغىلىش بىلەن توزمۇزلىنىش پوستلاق قەۋىتىدە تارقىلالايدۇ ھەم مەركەزلىشەلەيدۇ، ئۆزئارا ئىندۇكسىيىلىشىدۇ ۋە ئۆزئارا بىرى - بىرىنى چەكلەيدۇ. ئەگەر يۇقىرىدىكى ئىككى خىل ئىنتوناتسىيىنىڭ چاستوتا پەرقىنى تەدرىجىي ھالدا ھايۋان پەرق قىلالمايدىغان دەرىجىدە كىچىكلەتكەندە، كۆپ ھاللاردا شەرتلىك رېفلېكسنىڭ قالايمىقانلىشىشى كېلىپ چىقىدۇ، ھەتتا نورمالسىز ھادىسىلەر پەيدا بولىدۇ، ھايۋاننىڭ قىلىق - ھەرىكەتلىرى نورمالسىزلىشىش، يېمەكلىك يېمەسلىك، ئەنسىزلىك ھېس قىلىش تۈپەيلىدىن ھەرخىل ئاۋازلارنى چىقىرىش، ئىچكى ئەزالىرىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىش قاتارلىق نېرۋا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. پاۋلوۋ تەجرىبە خاراكتېرلىك نېرۋا كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشى چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى قوزغىلىش بىلەن تومۇزلىنىش جەريانىنىڭ نورمال مۇۋازىنەتلىك ھالىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ. شەرتلىك رېفلېكس ئادەم ۋە ھايۋانلاردا ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ، بىرىنچى سىگنال سىستېمىسى (<سىگنال سىستېمىسى> غا قارالسۇن) پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. ئادەمدە بىرىنچى سىگنال سىستېمىسىدىن باشقا يەنە ئىككىنچى سىگنال سىستېمىسى بولىدۇ. پاۋلوۋنىڭ قارىشىچە بىرىنچى سىگنال سىستېمىسىنىڭ پائالىيىتىنى تەڭشەيدىغان ئاساسىي قانۇنىيەت ئوخشاشلا ئىككىنچى سىگنال سىستېمىسىنىڭ پائالىيىتىنىمۇ تەڭشەيدۇ، ئىككى سىگنال سىستېمىسى ئۆزئارا باغلىنىشلىق، چۈنكى ھەر ئىككىسىلا ئوخشاش بىر نېرۋا توقۇلمىسىنىڭ فۇنكسىيىسىدىن ئىبارەت. پاۋلوۋ ئوبيېكتىپ تەجرىبە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ماكروسكوپىيە جەھەتتىن ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئالىي نېرۋا پائالىيەتلىرىنىڭ قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ئالىي نېرۋا پائالىيىتىنىڭ ئورگانىزمىنىڭ تاشقى مۇھىت بىلەن مۇرەككەپ ھەم نازۇك بولغان ماسلىشىشچانلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى تەرتىپكە سالىدىغانلىقىنى كۆزىتىپ چىقىپ، نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن نېرۋا سىستېمىسى، بولۇپمۇ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ خىزمىتى خېلى مۇرەككەپ بىر تېما بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئىنچىكە ھەم چوڭقۇر ئىزدىنىشىگە توغرا كېلىدۇ.
پسىخولوگىيە
نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئورنى، يەنى چوڭ مېڭە يېرىم شارىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا يېقىن قۇرۇلمىلارنىڭ رېفلېكس پائالىيىتىدۇر. بۇ خىل پائالىيەت ئارقىلىق پۈتۈن ئورگانىزم سىرتقى مۇھىت بىلەن مۇرەككەپ مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ.