Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئالفونسو
دۇنيا تارىخى
阿方索一世
ā fāng suǒ yí shì
(؟ - 1543) كونگو پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (1506 - 1543)، ئەسلى نىسوندى ئۆلكىسىنىڭ باش ۋالىيىسى بولغان. 1506-يىلى تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. خىرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 1540-يىلى پەرمان چىقىرىپ قۇللارنى ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىىپ، پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ يوشۇرۇن قەست قىلىشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بەختكە يارىشا بالا - قازادن ئامان قالغان.
دۇنيا تارىخى
阿尔丰沙一世
ā ěr fēng shā yí shì
(1110 - 1185) پورتۇگالىيە يۈرگۇند خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1139 - 1185). 1112-يىلى ئۈچ ياش ۋاقتىدا ئاتىسىنڭ ئۇنۋانىغا ۋارىسلىق قىلىپ پورتۇگالىيە گرافى بولغان، ئۇنىڭغا ئانىسى ھامىيىلىق قىلغان. 1128-يىلى ئۆزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن قولدىن كەتكەن جايلارنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتى داۋامىدا 1139-يىلى 7-ئايدا ئوۋرىچى شەھىرىدە ئەرەبلەرنى مەغلۇپ قىلغان، ئۇزۇن ئۆتمەي قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھىمايىسىدە كورۇل بولغان ھەمدە پورتۇگالىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان. كېيىن يەنە ئەرەبلەرنى بىر نەچچە قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، 1146-يىلى سانتارېمنى قايتۇرۇۋالغان؛ 1147-يىلى 10-ئايدا ئەنگلىيە رىىتسارلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن لىسسابوننى ئىشغال قىلىپ پايتەخت قىلغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە دېقھانچىلىققا رىغبەرلەندۈرۈپ، شەھەرلەرنى بىنا قىىلپ، ئۇزۇن ۋاقىتلىق ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا ۋەيران بولغان ئىجتىمائىي ئىگىلىكنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرگەن.
دۇنيا تارىخى
阿尔丰沙十世
ā ěr fēng shā shí shì
(1221 - 1282) كاستىللا ۋە لېئاننىڭ كورۇلى (1252 - 1282). 1261 - 1266-يىللىرى ئەرەبلەرنىڭ قولىدىن جېرىس، كادىس قاتارلىق شەھەرلەرنى قايتۇرۇۋالغان. كاستىللا تىلىدا <يەتتە قانۇن> ئېلان قىلىپ، تولېدو، سېۋىلىيىدە مەكتەپ ئېچىپ، مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرغان. 1282-يىلى ئوغلى سانچو (كېيىن سانچو Ⅳ دەپ ئاتىلىپ، 1284 - 1296-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) تەرىپىدىن تەختتىن چۈشۈرۈلگەن.
دۇنيا تارىخى
阿尔丰沙五世
ā ěr fēng shā wǔ shì
(1) (تەخمىنەن 8513 - 1458) ئاراگون بىلەن سىتسىىلىيىنىڭ كورۇلى (1416 - 1458). 1442-يىلى نېئاپولنى ئىشغال قىلغان ھەمدە سىتسىلىيە بىلەن نېئاپولنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنى <ئىككى سىتسىلىيە كورۇلى> دەپ ئاتىغان (ئالفونسو Ⅴ دەپ ئاتىغان، 1442 - 1458). تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە مەدەنىيەتنى جانلاندۇرۇپ، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ساھەسىدىكى كۆپلىگەن قابىلىيەتلىك شەخسلەرنى جەلپ قىلغان. (2)(1432 - 1481) پورتۇگالىيە ئاۋىس خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1438 - 1481). ياش ۋاقتىدا تەختكە چىققان، ئۇنىڭ ئانىسى ۋە تاغىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ نايىب بولغان. 1448-يىلى ئۆزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. 1458- ۋە 1471-يىللىرى ئافرىقىغا بېسىپ كىرىپ، 1471-يىلى تانگېر قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلغان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن كاستىللارنى ئىشغال قىلىپ، كىنەزلىكنىڭ مەلىكىسى يۇئاننا بىلەن توي قىلغان؛ يۇئاننا شۇ مەزگىلد بىر قسىم دىنىي ۋە دھرىي ئاقسۆڭلەكلەرنىڭ قوللىنىشىغا ئىگە بولۇپ، ئىسابېل Ⅰ بىلەن كاستىللانىڭ پادىشاھلىق تەختىنى تالاشقان. ئالفونسو Ⅴ كاستىللارنى قوشۇۋېلىشنى كۆزلىگەن، لېكىن 1476-يىلدىكى تورو جېڭىدە ئىسابېلنىڭ ئېرى فېرناندو Ⅱ تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان (<فېرناندو Ⅱ> گە قاراڭ). 1479-يىلى ئىككى تەرەپ ئالكانتارادا سۈلھ تۈزگەن. كېيىن ئالفونسو Ⅴ سىنترادىكى موناستىردا تەركىيدۇنيا بولۇپ ياشاپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئوغلى موناستىردا تەركىيدۇنيا بولۇپ ياشاپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئوغلى جۇئان (كېيىنكى جۇئان Ⅱ) نىڭ بىر ياقىلىق قىلىشىغا ھاۋالە قىلغان.
دۇنيا تارىخى
阿尔丰沙三世
ā ěr fēng shā sān shì
(1210 - 1279). پورتۇگالىيە بۇرگۇند خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1548 - 1279). 1249 - 1251-يىللىرى ئەرەبلەرنىڭ قولىدىن ئالگارۋىي (فارو دەپمۇ ئاتىلىدۇ) رايونىنى قايتۇرۇۋېلىپ، پورتۇگالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. مالىيەنى ئىسلاھ قىلىپ، سودىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ھەمدە ھېركاۋ بىلەن كۈرەش قىلىپ، پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىگەن.
دۇنيا تارىخى
阿尔丰沙十二世
ā ěr fēng shā shí èr shì
(1857 - 1885) ئىسپانىيە كورۇلى (1874 - 1885). ئىزابېللار Ⅱ نىڭ چوڭ ئوغلى. 1868-يىلىدىكى ئىسپانىيە ئىقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن ئاپىسى بىلەن بىللە چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1870-يىلى ئىزابېللا Ⅱ تەختىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان، لېكىن ئۇ 1874-يىلىغا كەلگەندىلا رەسمىي تەختكە چىققان ھەمدە ئىككىنچى يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە 1876-يىلى ئىككىنچى قېتىملىق كارلوس ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرغان؛ 1878-يىلى كۇبا قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن <ئون يىللىق ئۇرۇش> نى ئاياغلاشتۇرۇش توغرىسىدا<لاڭخۇڭ شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان.
دۇنيا تارىخى
阿尔丰沙十三世
ā ěr fēng shā shí sān shì
(1886 -1941) ئىسپانىيە كورۇلى (1886 - 1931). ئالفونسو ⅩⅡ نىڭ قورساقتا قالغان بالىسى تۇغۇلغاندىن كېيىنلا تەختكە چىققان. ئۇنىڭ ئاپىسى مارىيە كىرىستىنا نايىب بولغان. 1902-يىلىدىن باشلاپ ئۆزى ھۆكۈم سۈرگەن. تەختتە ئولتۇرغان چاغدا ئىچكى سىياسىي ۋەزىيەت داۋالغۇپ، كەينى - كەينىدىن ھۆكۈمەت يەڭگۈشلەنگەن؛ 1921-يىلى ئىپسانىيىگە قاراشلىق ماراكەشتە يەرلىك خەلقلەرنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇپ، پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. 1923-يىلى رىۋېرانىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشىگە سۈكۈت قىلغان ھەمدە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا تاينىپ تەختنى ساقلىغان. 1931-يىلى ئىسپانىيە ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن تەختنى بوشىتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان ھەمدە فرانسىيە ۋە ئىتالىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ، كېيىن رىمدا ئۆلۈپ كەتكەن