Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئالدى تورمۇز بىلەن ئارقا تورمۇز
پسىخولوگىيە
ئۇنتۇشقا سەۋەب بولىدىغان تورمۇزلار ئىچىدە ئالدى تورمۇز بىلەن ئارقا تورمۇز بار. ئالدى تورمۇز دېگىنىمىز، ئالدىدا ئۆگەنگەن ماتېرىيالنىڭ كېيىن ئۆگەنگەن ماتېرىيالنى ئەستە ساقلاش ۋە ئۇنى ئەسلەش (يادىغا كەلتۈرۈش) كە كاشىلا قىلىشىدىن ئىبارەت. ئارقا تورمۇز دېگىنىمىز، كېيىن ئۆگەنگەن ماتېرىيالنىڭ ئالدىدا ئۆگەنگەن ماتېرىيالنى ئەستە ساقلاش ۋە ئۇنى ئەسلەش (يادىغا كەلتۈرۈش) كە كاشىلا قىلىشىدىن ئىبارەت. ئارقا تورمۇز ئالدىدا ئۆگەنگەن ماتېرىيال بىلەن كېيىن ئۆگەنگەن ماتېرىيالنىڭ ئوخشاشلىق دەرىجىسى، ئوڭاي - تەسلىكى، ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەستە قالدۇرۇشنىڭ مۇستەھكەملىك دەرىجىسى قاتارلىق شەرتلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. ئالدى تورمۇز بىلەن ئارقا تورمۇز ئادەتتە ئىككى خىل لېكىن ئۆزئارا ئوخشايدىغان ماتېرىيالنى ئۆگەنگەندە يۈ بېرىدۇ. لېكىن بىر خىل ماتېرىيالنى ئۆگەنگەندە ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ ئىككى خىل تورمۇز بولىدۇ. مەسىلەن: بىرەر ئۇزۇنراق جەدۋەل ياكى ماقالىنى ئۆگەنگەندە، ئادەتتە ئۇنىڭ باش قىسمى بىلەن ئاخىرقى قىسمى ئوڭاي ئەستە قالىدۇ. ئاسان ئۇنتۇپ قېلىنمايدۇ؛ ئوتتۇرا قىسمىنى ئەستە قالدۇرماق بىر قەدەر تەس، ھەم ئۇ ئوڭاي ئۇنتۇپ قېلىنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، باش قىسمى پەقەت ئارقا تورمۇز تەسىرىگىلا ئۇچرايدۇ، ئالدى تورمۇز يوق، ئاخىرقى قىسمى پەقەت ئالدى تورمۇز تەسىرىگىلا ئۇچرايدۇ، ئارقا تورمۇز يوق. ئوتتۇرا قىسمى بولسا، ئالدى تورمۇز بىلەن ئارقا تورمۇزنىڭ يەنى ئىككى خىل تورمۇزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.