Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئالدرىدگې
دائىرە: دۇنيا تارىخى阿尔德里奇
ā ěr dé lǐ qí
(1805 - 1867) ئامېرىكىلىق نېگىر ئارتىس. نيۇ - يورك شەھىرىدە ئەركىن نېگىر قۇل ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مەشھۇر ئارتىس كېئاننىڭ ھەمراھى بولغان. كېئاننىڭ ياردىمى بىلەن گلازگو ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرگەن. 1827-يىلى لوندون خانلىق تىياتىرخانىسىدا تۇنجى قېتىم ئوتېللونىڭ رولىنى ئېلىپ چىقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. كېيين تىياتىر ئۆمىكىنى باشلاپ ياۋروپاغا بېرىپ ئويۇن كۆرسەتكەن. 1830 - 1831-يىللىرى ئامرىكىغا قايتىپ كېلىپ ساياھەت قىلغان ھەمدە ئويۇن كۆرسىتىپ سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقتىن، يەنە ياۋروپاغا قايتىپ كەتكەن. 1863-يىلى ئەنگلىيىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. شېكىسپېر، شېللې قاتارلىقلارنىڭ 50 نەچچە سەھنە ئەسىرىنى ئويناپ چىققان بولۇپ، ئوتېللو، پادىشاھ لىر، شېلوك، مەكبىس قاتارلىقلارنىڭ رولىنى ئېلىش بىلەن داڭق چىقارغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.