Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئالبېرت
دۇنيا تارىخى
(1798 - 1849) ساردىنىيە كورۇلى (1831 - 1849). ساۋوييا خان جەمەتىدىن كېلىپ چىققان. 1821-يىلى پېمونتتا قوزغىلاڭ پارتلىغاندا نايىب بولۇپ تەيىنلەنگەن. ئۇ قوزغىلاڭچىلار بىلەن خان جەمەتىنى ياراشتۇرغۇچى بولۇپ، ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلماقچى بولغان، لېكىن قارشىلىققا ئۇچراپ فلورېنسىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان. 1831-يىلى تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئىتالىيىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى تىكلىمەكچى بولغان. 1848-يىلدىكى ئىنقىلاب ۋەزىيىتى ئاستىدا ئاساسىي قانۇن (يەنى <ئالبېرت نىزامى>، <1848-يىلدىكى پېمونت ئاساسىي قانۇنى>غا قارا) ئېلان قىلغان، لېكىن يەنە ئىنقىلابنىڭ چوڭقۇرلىشىشىدىن قورقۇپ، مۇرەسسە قىلىپ يول قويۇش سىياستىنىنى يولغا قويغان، شۇڭا ئۇ <تۇراقسىز پادىشاھ> دەپ ئاتالغان. 1848-يىلى 3-ئايدا ئاۋسترىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان، ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمىگەچكە، 7 - ئايدىكى كۇستوسا جېڭىدە مەغلۇپ بولغان. ئىككىنچى يىلى 3-ئايدا ساردىنىيە ئارمىيىسى نوۋارادا يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭ بىلەن تەختنى ئوغلى ئېممانۇئېل Ⅱ گە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان ھەمدە پورتۇگالىيىگە قېچىپ كەتكەن.
دۇنيا تارىخى
بېلگىيە كورۇلى (1909 - 1934)، بريۇسسېلدا تۇغۇلغان. لېئوپولد Ⅱ نىڭ يالغۇز ئوغلى ۋە ئۇنىڭ قېرىىندىشى ئۆلگەندىن كېيىن تەخت ۋارىسى بولغان. ھەربي مەكتەپتە ئوقۇغان. 1893 - 1898-يىللىرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1900-يىلى باۋارىيە گېرسوگىنىڭ قىزى بىلەن توي قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدا ھەربىي ھازىرلىقلارنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان. دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا كۈچىنىڭ بارىچە زەربە بەرگەن. كېيىن ناموردا تاغقا چىقىۋاتقاندا يېقىپ چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتكەن.