Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئالبىچىلار ئۇرۇشى
دائىرە: دۇنيا تارىخى阿尔比派战争
ā ěr bǐ pài zhàn zhēng
1209 - 2291-يىللىرى رىم پاپاسىنىڭ ئالبىچىلارغا قوزغىغان ھەربىي جازا يۈرۈشى. ⅩⅡ ئەسىردىلا پاپا ۋە كاتولىك چېركاۋى ئابىچىلارغا ھەر خىل باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ نەتىجە قازىنالمىغان. تولۇزا گرافى رايوموند Ⅵ (1561 - 1222) فرانسىيە كورۇلى ۋە پاپا بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تەپرىقىچى ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئالبىچىلارنى قوللىغان. 1209-يىلى پاپا ئىننوسېن Ⅲ جازا يۈرۈشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەھلىسەلىپ قوشۇنى تەشىكىللەپ، ئۇنىڭغا سىتو مۇناستىرىنىڭ باشلىقى ئارنولدنى ۋە سىمون دې مونتفورت (تەخمىنەن 1160 - 1218) نى باشلىق قىلغان. شۇ يىلى ئەھلىسەلىپ قوشۇنى فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا بېسىپ كىرىپ، تىنچ ئاھالىلەرنى قانلىق قىرغىن قىلىپ، مال - مۈلۈكلەرنى بۇلاپ - تالىغان، 1213-يىلى ئالبىچىلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. 1216-يىلى تولۇزا خەلقى ئەھلىسەلىپ قوشۇنىنىڭ ياۋۇز ھۆكۈمرانلىقىغا نارازى بولۇپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە 1218-يىلى سىمون دې مونتفورتنى ئۆلتۈرگەن. 1226-يىلى فرانسىيە كورۇلى ليودۋىڭ Ⅷ ئەسكەر چىقىرىپ باستۇرغان. 1229-يىلى ئالبىچىلار ئاخىر مەغلۇپ بولغان. تولۇزا كىنەزلىكى فرانسىيە كورۇلىنىڭ يېرىگە قوشۇۋېتىلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.