Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئالبانىيىنىڭ 1912-يىلىدىكى قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
阿尔巴尼亚一九一二年起义
ā ěr bā ní yà yī jiǔ yī èr nián qǐ yì
ئالبانىيە خەلقىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش، مىللىي مۇستەقىلىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئازادلىق كۈرىشى. 1911-يىلى 12-ئايدا، ئالبانىيىلىك پارالامېنت ئەزالىرى تۈركىيە پارالامېنتىدا مىللىي ھوقۇق تەلەپ قىلغان. ئىككىنچى يىلى 1-ئايدا، ئالبانىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتنىڭ پارلامېنتىنى تارقىتىۋېتىپ، يېڭى پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. شۇ يىلى 4-ئايدا، گجاكوۋا رايونىداقوزغىلاڭ پارتلىغان. 5-ئايدا، قوزغىلاڭ پۈتۈن كوسوۋوغا تۇتاشقان. 6-ئايدا، ئالبانىيىنڭ جەنۇبىي، ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمىغا كېڭەيگەن. 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پۈتۈن مىللەتنىڭ قوزغىلىڭىغا ئايلانغان. خرىستىئانلار (كاتولىك دىنى ۋە پىراۋوسلاۋىيە دىنى) ۋە مۇسۇلمان ئاھالىلىرى قاتناشقان. مىللەتپەرۋەر تەشكىلات قارا جەمئىيەتمۇ قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتناشقان. 8-ئايدا قوزغىلاڭچىلار سىكوپىيە، فېيرى، پېرمېنت ۋە باشقا نۇرغۇن شەھەرلەرنى ئىشغال قىلغان. لېكىن قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان فېئوداللار ھالقىلىق پەيتتە تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كېلىشىم ئىمزالاپ، ئالبانىيىنى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش بىلەن قانائەتلەنگەن، شۇنداق قىلىپ قوزغىلاڭ تولۇق غەلىبىگە ئېرىشەلمىگەن. قوزغىلاڭ تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، شۇ يىلى 11-ئايدىى ئالبانىيىنىڭ مۇستەقىللىك جاكارلىشى ئۈچۈن شەرت - شارائىت يارىتپ بەرگەن.