Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئالبانىيە ئازادلىق كومىتېتى
دۇنيا تارىخى
阿尔巴尼亚解放委员
ā ěr bā ní yà jiě fàng wěi yuán
ئالبانىيە ۋەتەنپەرۋەلىرى 1905-يىلى موناستىردا قۇرغان مەخپىي يەرلىك كومىتېتلىرى قۇرۇلۇپ، ۋەتەننى ئازاد قىلىش يولىدا تەشۋىقات - تەرغىبات كومىتېتىنىڭ داھىيىسى توپۇللى تاغلىق رايونلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كورچە شەھىرىدە تۇنجى قوراللىق قوشۇننى قۇرۇپ چىققان. كېيىن جەنۇبتا يەنە قوراللىق قوشۇنلارنى ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇپ، تۈركىيە ئارمىيىسى بىلەن كۆپ قېتىم جەڭ قىلغان. 1906-يىلى 9-ئايدا كورچە شەھىرىدىكى گرېتسىيە باش ئېپىسكوپى فوتىنى ئۆلتۈرۈپ، گرېتسىيە شوۋىنىزمچىلىرىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى چەكلىگەن. 1908-يىلى 3-ئايدا ۋەتەنپەرۋەر قوراللىق قوشۇن ماشكۇللورېدا تۈركىيە ئارمىيىسى بىلەن كەسكىن جەڭ قىلىپ، ئالبانلارنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش قوزغىلىڭىغا باشلامچى بولغان.