Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئالاۋۇددىن
دۇنيا تارىخى
(؟ - 1564) جوھورى دۆلىتىنىڭ سۇلتانى (1528 - 1564). مالاككا دۆلىتىنىڭ سۇلتانى ماھمۇدنىڭ ئوغلى. ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى جوھورى لاما (ھازىرقى كوتاتىنگى ئەتراپىغا جايلاشقان) دا يېڭى پايتەخت سېلىپ، پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن داۋاملىق كۈرەش قىلغان. 1529-يىلى، ئۆزىنىڭ سودىدىكى كۈچلۈك رىقابەتچىسى ئاتجىنى مەغلۇپ قىلغان. 1551-يىلى، قوشنا بەگلىكلەر بىلەن بىرلىشىپ، 200 كېمە ۋە تەخمىنەن بەش مىڭ كىشىلىك قوشۇننى سەپەرۋەر قىلىپ، پورتۇگالىيە ئىشغالىيىتىدىكى مالاككاغا ئۈچ ئاي قورشاپ ھۇجۇم قىلغان. 1564 - يىلى ئاتجى جوھورى لاماغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ئالاۋۇددىننى ئەسىرگە ئالغان، ئۇ ئاتجىدا ئۆلۈپ كەتكەن.