Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاڭلاش سېزىمى
بىئولوگىيە
听觉
tīngjué
ئاۋاز دولقۇنىنىڭ ئاۋاز رېتسېپتورلىرىنى غىدىقلىشىدىن كېلىپ چىققان سېزىم. ئاۋاز چىقارغۇچى جىسىم بەلگىلىك چاستوتىلىق تەۋرىنىش ئارقىلىق ھاسىل قىلغان ھاۋا دولقۇنى (ئاۋاز دولقۇنى) سىرتقى قۇلاقتىن كىرىپ ناغرا پەردىسىنىڭ تەۋرىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ناغرا پەردىسىنىڭ تەۋرىنىشى ئوتتۇرا قۇلاقتىكى ئۈچ پارچە ئاڭلاش سۆڭەكچىلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق قۇلاق قۇلۇلىسىدىكى سەزگۈ ھۈجەيرىلىرىدە قوزغىلىش پەيدا قىلىدۇ، قوزغىلىش مەركەزگە كىرگۈچى نېرۋىلارنى بويلاپ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى چېكە ياپرىقىدىكى ئاڭلاش مەركىزىگە بېرىپ ئاڭلاش سېزىمىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئادەملەر چاستوتىسى 16 - 20000 گېرتىس سېكۇنت ئەتراپىدىكى ئاۋاز دولقۇنلىرىنى ئاڭلاپ، ئاۋازنىڭ ئىنتوناتسىيىسى (ئاھاڭى)، جاراڭلاش دەرىجىسى ۋە تېمبرىنى پەرق ئېتەلەيدۇ. بۇ ئۈچى ئاۋاز دولقۇن چاستوتىسى، ئامپلىتودىسى ۋە دولقۇن شەكىلدىكى فىزىكىلىق ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، ئىنتوناتسىيىنى ئاۋاز دولقۇنىنىڭ چاستوتىسى بەلگىلىگەن بولۇپ، يۇقىرى، ئىنتوناتسىيىلىك ئاۋازنىڭ چاستوتىسى يۇقىرى، تۆۋەن ئىنتوناتسىيىلىك ئاۋازنىڭ چاستوتىسى تۆۋەن بولىدۇ، قۇلاق قۇلۇلىسى ئوخشىمايدىغان چاستوتىلىق ئاۋازلارنى ئانالىز قىلالايدۇ، قۇلاق قۇلۇلىسىنىڭ تۈۋى قىسمى يۇقىرى ئىنتوناتسىيىلىك ئاۋازلارنى سېزەلەيدۇ، قۇلاق قۇلۇلىسىنىڭ تۆپە قىسمى تۆۋەن ئىنتوناتسىيىنى سېزىدۇ، ئوتتۇرا ھال چاستوتىلىق ئىنتوناتسىيىلەرنى بولسا قۇلاق قۇلۇلىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى سېزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئادەملەر يەنە پەرقى ناھايىتى كىچىك بولغان ئىككى ئاھاڭنى ھەم ئاۋازنىڭ كېلىش يۆنىلىشىنىمۇ پەرقلەندۈرەلەيدۇ.
ئاناتومىيە,مائارىپ,تېببىي,تەنتەربىيە,ئۇنىۋېرسال
听觉
tīng juéDئىستېتىكا
听党
tīng dǎngDئېلېكترون، ئۇچۇر
听觉的(耳的)(音响的)
tīng jué de (ěr de )(yīn xiǎng de )
ئۇنىۋېرسال
tīng jué
听觉