Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئالارىك
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 370 - 104) غەربىي گوت پادىشاھلىقىنىڭ كورۇلى (395 - 410). تەختتىكى مەزگىلدە، مىلادى 395-يىلى غەربىي گوتلارنى باشلاپ جەنۇبتىكى يۇنانغا بېرىپ، ئافىنا، كورىنتوس، سپارتا قاتارلىق شەھەرلەرنى تالان - تاراج قىلغان، ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى كورۇلى ئاركادىس (395 - 408-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نى ئۆزى بىلەن سۈلھ شەرتنامە تۈزۈشكە مەجبۇر قىلىپ، شەرقىي ئىللىرىيىنىڭ باش ۋالىيسى قىلىپ تەيىنلىگەن. 401-يىلى ئىتالىيىگە بېىسپ كىرگەن، لېكىن ئىككىنچى يىلى رىم ياللانما قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى ستىلىكو (تەخمىنەن 359 - 408) تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 408-يىلى يەنە بىر قېتىم ئىتالىيىگە باستۇرۇپ كىرگەن ھەمدە 401-يىل8 - ئاينىڭ 24-كۈنى رىم شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، شەھەرنى ئۈچ كۈن بۇلاپ - تالىغان، ئۇنىڭدىن كېيىن دېڭىزدىن ئۆتۈپ سىتسىلىيە ۋە ئافرىقىغا يۈرۈش قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، ئىشقا ئاشمىغان، قوشۇننى شىمالغا قايتۇرۇپ كېلىۋاتقاندا، يول ئۈستىدە كېسەل بىلەن ئۆلگەن.
دۇنيا تارىخى
(؟ - 507) غەربىي گوت پادىشاھلىقىنىڭ كورۇلى (484 - 507). رىم قانۇنلىرىنى ئاساس قىلىپ، <ئالارىك قانۇنىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ھەققىدە ئىزاھ> نى تۈزۈپ چىققان. مىلادى 507-يىلى، فرانك كورۇلى كلوۋى بىلەن پۇئاتيى (فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا غەربىگە جايلاشقان) دا جەڭ قىلىپ، مەغلۇپ بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ جەڭدىن كېيىن غەربىي گوتلارنىڭ گاللىيىدىكى زېمىنىدىن سېپتىمانىيە (رونا دەرياسىدىن پېرېنېي تېغىغىچە بولغان دېڭىز بويى رايونلىرى) دىن باشقىلىرى فرانكلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىپ، غەربىي گوت پادىشاھلىقىنىڭ مەركىزى ئىسپانىيىگە يۆتكەلگەن.