Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئالاقىلىشىش كومىتېتى
دۇنيا تارىخى
通讯委员会
tōng xùn wěi yuán huì
شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكىلىرىدىكى ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىنقىلابىي ئاممىۋى تەشكىلات. 1770-يىلى 3-ئايدا بوستۇن پاجىئەسى يۈز بەرگەن. 1772-يىلى 6-ئايدا يەنە <كاسپېر ۋەقەسى> بولۇپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى ھەرىكەت ئەۋج ئالغان. سامور ئادامىس ۋە جېفىرسون قاتارلىقلار ئۇنىڭ رەھبەرلىرى ئىدى. كۈرەشتىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 1772-يىلى ماسساچۇسېت شتاتىدا ئالدى بىلەن ئالاقىلىشىش كومىتېتى قۇرۇلغان، 1773 - 1774-يىللىرى ۋىرگىنىيە، كوننېكتىكوت، يېڭى ھامپىشىر قاتارلىق جايلاردىمۇ بۇ تەشكىلات قۇرۇلغان. ئۇ ئىنقىلابىي ھەرىكەتنىڭ ئىتتىپاقلىققا قاراپ مېڭشنىڭ مۇھىم قەدىمى، شۇنداقلا مۇستەملىكىلەردىكى ئىنقىلابىي يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ بىخى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇستەقىللىك كۈرىشىدە بۇ تەشكىلات مەلۇم رول ئوينىغان.