Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئالامېين جېڭى
دۇنيا تارىخى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى بىر قېتىملىق چوڭ جەڭ. 1942-يىل 10-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە مىسىردىكى ئىسكەندىرىيە شەھىرىنىڭ غەربىگە 96.558 كىلومېتىر كېلىدىغان ئالامېيندا ئېلىپ بېرىلغان. مونتگومېرى موماندانلىقىدىك ئەنگلىيىنىڭ سەككىزىنچى جۈنتۇەنىنىڭ روممېل باشچىلىقىدىكى ئوق مەركىزى دۆلەتلەرنىڭ قۇملۇق قىسمى بىلەن قىلغان ئۇرۇشتىكى بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ غەلىبە. جەڭ ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنگەن. بىرىنچى باسقۇچى 10-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە بولۇپ، جەڭ ئۇرۇش مەيدانىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان، 29 - 31 - كۈنلىرى ئەنگلىيە ئارمىيىسى كۈچىنى توپلاپ كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلانغان. ئىككىنچى باسقۇچى 11-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە بولغان. 2-كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيىسى ھۇجۇمغا ئۆتۈپ غەلىبە قىلغان، ئوق مەركىزى دۆلەتلەرنىڭ قوشۇنى 4-كۈنىگىچە پۈتۈنلەي چېكىنىپ بولغان. پۈتۈن جەڭدە ئەنگلىيە ئارمىيىسىدىن 13500 كىشى يارىدار بولغان ۋە ئۆلگەن، ئوق مەركىزى دۆلەتلەر ئارمىيىسىدىن 60000 كىشى تالاپەت تارتقان، بۇنىڭ ئىچىدە 30000 كىشى ئەسىر ئېلىنغان.