Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاكۇتاگاۋارىيۇنوسكى
دۇنيا تارىخى
(1892 - 1927) ياپونىيە يازغۇچىسى. ئەسلى ئىسمى كامېنوسۇكى، تەخەللۇسى سۇمې دوشۇنىن. توكيو شەھىرى كيۋخاشى رايونىدا تۇغۇلغان. توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنگلىز ئەدەبىيات كەسپىنى تۈگەتكەن. دەسلەپ كىكۇچىكان قاتارلىق كىشىلەر بىلەن <يېڭى پىىر ئېقىمى> ژۇرنىلىنى نەشر قىلدۇرغان، <رائىكۇمۇن>، <بۇرۇن> قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ يازغۇچى ناتسۇمې سىئوۋانىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن. كېيىن دېڭىز ئارمىيىسى ئورگىنى مەكتىپىدە ئىنگلىز تىلى مۇئەللىمى بولغان. <داوزاخ مەنزىرىسى>، <تەقۋادارنىڭ ئۆلۈمى> قاتارلىق تارىخىي ھېكايىلىرى بىلەن يازغۇچىلىق ئورنىنى تىكلىگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، جەمئىيەت ۋە كىشىلىك تۇرمۇش مەسىلىلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، <كاپپا>، <چىشلىق چاق> قاتارلىق ھېكايىلىرىنى يېزىپ چىققان. دەۋردىن قاتتىق ئەنسىرەپ، روھىي پەرىشانلىق ھېس قىلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. كېيىنرەك ئۇنىڭ 20 توملۇق <ئاكۇتاگاۋارىيۇنوسكى ئەسەرلىرى> نەشر قىلغان. 1935-يىلى ئۇنىڭ نامىدا ئەدەبىيات مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغان.