Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاكائىيە
دۇنيا تارىخى
亚加亚
yà jiā yà
قەدىمكى يۇناندىكى بىر رايون.پېلوپوننېس يېرىم ئارىلى (جەنۇبىي يۇنان) نىڭ شىمالىغا جايلاشقان. شەرقىي سىكيوتتا تۇتاشقان، جەنۇبىي ئاركادىيە بىلەن چېگرىلانغان، غەربىي جەنۇبىي ئېلىس بولۇپ، شىمالىي كورىنتوس قولتۇقىغا ياندىشىپ تۇرىدۇ. يىراق قەدىمكى زاماندىكى ئاھالىسى پېلاسگىئانلار بولۇپ، بۇلار ئائېگىئالېلار دەپمۇ ئاتالغان. ئولتۇراقلاشقان جابى ئائېگىئالېيە دەپ ئاتالغان؛ كېيىن بىر قىسىم ئىئونىيەلىكلەر كۆچۈپ كىرگەن. لاكونىيە ۋە ئارگوستىكى ئاكايىسلار (ئومۇمەن مىكېناي مەدەنىيىتىنى ياراتقۇچىلار دەپمۇ قارالماقتا) دورىئانلارنىڭ ھەيدىۋېتىشى (بىر قىسمى بويسۇندۇرۇلغان) بىلەن، ئائېگىئالېيە (ئىئونىيەلىكلەر قوغلىۋېتىپ) گە يكتكەلگەن ۋە ئۇنى ئىگىلەپ مۇشۇ جاينىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان، شۇڭا، بۇ يەر ئاكائىيە دەپ ئاتالغان. ئەنئەنىۋى قاراشتا، ئاكايىسلار 12 شەھەر قۇرغان، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شىمالدىكى دېڭىز بويلىرى (كورىنتوس قولتۇقى) غا تارقالغان بولۇپ، شەرقىي چېكى پېلېنې، غەربىي چېكى دىمې بولۇپ، ئوتتۇرىدىكى ئائېگىئۇيم ئەڭ مەشھۇر بولغان؛ ئىچكى رايونلىرى ترىتائېيە، لېئونتىئۇم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئېيتىشلارغا قارىغاندا، پۈتكۈل رايون ئەڭ دەسلەپتە تىسامېنۇس ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولۇپ، كېيىن، ھەر قايسى شەھەرلەر مۇستەقىللىككە ئېرىشىپ، پۇقرالار سىياسىي تۈزۈلمىسىنى يولغا قويغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن Ⅶ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا جەنۇبىي ئىتالىيىدە بىرمۇنچە مۇستەملىكىلەر (سىبارىس، كروتون، مېتافىڭسۇم قاتارلىقلار) نى قۇرۇپ چىققان. يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىم) غا ئاكايىسلار ئىشتىراك قىلمىغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، يۇنان دۇنياسىدا ئانچە زور تەسىرمۇ پەيدا قىلمىغان. مىلادىدىن 251 يىل ئىلگىرى ئاكايىسلار ئالدى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ماكېدونىيە كۈچلىرىگە قارشى تۇرغان، كېيىن ئىتتىپاقنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ، سىكيون (داھىيىسى ئارتوس) مۇ قاتناشقان، ئۇنىڭدىن كېيىن كورىنتوسمۇ قاتناشقان، بۇ مەشھۇر <ئاكائىيە ئىتتىپاقى> ئاخىر كېيىنكى مەزگىلدىكى يۇناندا بىر تەشەببۇسكار سىياسىي كۈچكە ئايلانغان. ئىتتىپاق ئائېگىئۇمدا تەسىس قىلىنغان. مىلادىدىن 146 يىل ئىلگىرى يۇنان، جۈملىدىن ئاكائىيە رايونىمۇ رىم زېمىنىگە قوشۇۋېتىلگەن. رىم قۇرۇپ چىققان يۇناننىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك زېمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەمۇرىي رايونلارمۇ <ئاكائىيە ئۆلكىسى> دەپ ئاتالغان. بۇنىڭدىن باشقا، تېسسالىيە (شىمالىي يۇنانا) نىڭ جەنۇبىدىكى بىر رايونمۇ <ئاكائىيە> دەپ ئاتالغان.