Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاكايىلار
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇنانا ئاھالىلىرىنىڭ بىر خىلى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅣ ئەسىردىن ⅩⅢ ئەسىرگىچە بولغان ھىتىت ۋە مىسىر ھۆججەتلىرىدە كۆرۈلىدۇ. <گومېر داستانلىرى> دا كۆپىنچە گرېكلارنى كۆرسىتىدۇ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇلاې ئېگىز بوي، ئالتۇن چاچ كېلىدىكەن (<ئودېسسا>)، ئەسلىدە يۇناننىڭ شىمالىدىكى تېسالىيە ئەتراپىغا ماكانلاشقان، مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جەنۇبىي يۇناندىكى مىكېناي مەدەنىيىتىنى ياراتقان، دەپ قارىلىدۇ. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅺ ئەسىردە ئاگامېمنون (مىكېناي پادىشاھى) باشچىلىقىدا ئېگېي دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ترويا (كىچىك ئاسىيادىكى دېڭىز بويىدا) غا يۈرۈش قىلىپ، غەلىبە قىلغان. كېيىن دورىئانلار پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىغا كىرگەن، ئاكايىلارنىڭ بەزىلىرى بويسۇندۇرۇلغان، بەزىلىرى ئارالنىڭ شىمال تەرىپىگە قوغلىۋېتىلگەن. بۇ يەر <ئاكائىيە> دەپ ئاتالغان. ئاكائىيە مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردىن بۇرۇن ئانچە تەرەققىي قىلمىغان. كېيىن ئافىنا ۋە سپارتا ئارقا - ئارقىدىن ئاجىزلاپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنى بارغانسېرى مۇھىم بولۇپ قالغان. مىلادىدىن Ⅲ ئەسىردە ماكېدونىيىگە قارشى ئاكائىيە ئىتتىپاقىنى تەشكىللىگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە رىمغا بويسۇنغان ھەمدە رىمنىڭ ئاكائىيە ئۆلكىسىگە قوشۇۋېتىلگەن. ئاكايىلار مىكېناي دەۋرىدە ياراتقان سىزىقسىمان يېزىق (B) نى 1952-يىلى ئەنگلىيە ئالىمى ۋېنترىس تەرجىمە قىلىپ چىققان. قارىلىشىچە، قەدىمكى يۇنان تىلىدا ئاكائىيىنىڭ ئىپتىدائىي دىئالېكت تەركىبلىرى بولغان.