Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاكادېمىيە
دۇنيا تارىخى
阿卡德米
ā kǎ dé mǐ
ئادەتتە بىلىم يۇرتى ياكى ئىنستىتۇت دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئەسلىدە قەدىمكى يۇناندا ئۆتكەن ئەپلاتون بەرپا قىلغان بىلىم يۇرتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئافېنا شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى كېپىسۇ رايونىغا جايلاشقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئەپسانىلەردىكى قەھرىمان ئاكادېمۇسنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان؛ كېيىن تەنتەربىيە مەيدانى قىلىنغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا (سىمون ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە) ئافېنا دائىلىرى بۇ جاينى كۆكەرتكەن ھەمدە ھەيكەل قاتارلىق سەنئەت بۇيۇملىرى بىلەن زىننەتلىگەن. مىلادىدىن تەخمىنەن 386 يىل ئىلگىرى ئەپلاتون بۇ جايدا پەلسەپە مەكتىپى ئېچىپ شاگىرتلىرىنى ئوقۇتقان، ئەپلاتون ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ شاگىرتلىرى (ئاكادېمىكلار) ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ۋارىسلىق قىلغان. ئاكادېمىيە قەدىمكى يۇناندىكى مەشھۇر بىلىم يۇرتىغا ئايلانغان. مىلادىدىن 87 يىل ئىلگىرى رىمنىڭ باش قوماندانى سۇللا يۇناندا ئۇرۇش قىلىپ ئافېنا شەھىرىنى ئالغان بىلىم يۇرتى ۋەيران قىلىنغان. كېيىن قايتىدىن ياسالغان. 529-يىلغىچە ئاكادېمىيە ۋېزانتىيە پادىشاھى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا رىمدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخس سىتسېرۇ (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىر) ئۆزىنىڭ پۇتېئول ۋە توسكېلىن دېگەن ئىككى جايدىكى داچىسىنىمۇي <ئاكادېمىيە> دەپ ئاتىغان. 1459-يىلى ئىتالىيىنىڭ فلورېتسىيە شەھىرىدىمۇ <ئاكادېمىيە> تەسىس قىلىنىپ، ئەپلاتون ئەسەرلىرى تەتقىق قىلىنغان (1521-يىلى توختىتىپ قويۇلغان).
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
kē xué yuàn
科学院
ئۇنىۋېرسال
经院
jīng yuànDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
科学院
kē xué yuànDمائارىپ
学院
xué yuàn